شۇ كۈنى، گۇگۇڭ مۇزېيى تېڭشۈن بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئىككى تەرەپ دىققەتنى پەن-تېخنىكىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «رەقەملەشتۈرۈش+بۇلۇتلاشتۇرۇش+AIلاشتۇرۇش» ئارقىلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ يىغىش ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە «رەقەملىك گۇگۇڭ سارىيى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى چەكلىك شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «گۇگۇڭ سارىيى ئاجايىپلىرى» ناملىق فىلىمدە، 5G بىلەن يېڭى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن مەزمۇن ئۈلگىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. جىن لياڭكۈەي فوتوسى
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى