تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق كۈرەش ناخشىسىنى ياڭرىتىش

− 24 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم «بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز» پات يېقىندا كۆرسىتىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك ئۇلۇغ مۇساپىسىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان 24 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم «بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز» 9- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا كۆرسىتىلىدۇ.

بۇ فىلىم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 70 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «سىياسىي ھېسسىيات، ھېكايە ئارقىلىق ئىپادىلەش» ئۇسلۇبىدا چىڭ تۇرۇپ ۋەتەننى كۈيلەپ، دەۋرنى مەدھىيەلىگەن، جۇمھۇرىيەتنىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى بىلەن يول بويى مېڭىپ كەلگەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلىرى ۋە مۇھىم ۋەقەلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا توختىماي كۈرەش قىلىپ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستانلارنى پۈتكەن چىن ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى تولۇق نامايان قىلغان، ئۇ كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە چۈشىنىشىدىكى بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ