تىيانشان تورى خەۋىرى: جۇڭچيۇ بايرىمىدا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى قۇئېرتىش بازىرى سەرجان شەرقىي يولى ئاھالە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، ئاھالە كومىتېتىدىكى كادىرلار ۋە شۇ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە يۆبىڭ ياساپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
كۆپچىلىك ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، قورۇمىلارنى تەييارلاپ، يىغىن زالىدىكى ئۈستەلنى يۆبىڭ، پولۇ، سېرىق ئاش كاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملار بىلەن لىق تولدۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاھالە كومىتېتىدىكى كادىرلار بىلەن ئاھالىلەر ئۇسسۇل، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، دېكلاماتسىيە، خەتتاتلىق قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتتى ھەم جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەھەللىدىكى قوشنىلار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرگە ئاھالە كومىتېتىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىدىكى قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى.
ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن نۇرلاش سىلاش، بايان ئىسلانبېك تەمىنلىگەن)