تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 0:3 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (ياڭ لېي): بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 0:3 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان يېڭىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئۈچ مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 22:25، 16:25، 18:25 بولدى.

تۇنجى مەيداندا، ئىككى كوماندا تۆت قېتىم تەڭلەشتى. ئىرچىنكونىڭ بىر ھۇجۇمى بىلەنلا رۇسىيە كوماندىسى ئۇدا نومۇر ئېلىپ 4:6 نەتىجىدە جۇڭگو كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. ئارقىدىن، رۇسىيە كوماندىسى داۋاملىق نومۇر ئېلىپ، 5:8 نەتىجىدە تۇنجى قېتىم تېخنىكىلىق توختاتتى. ئارقىدىن جۇڭگو كوماندىسى 10:10 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. ئىككى كوماندا 11:11 نەتىجىدە تەڭلەشكەندىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى داۋاملىق نومۇر ئېلىپ، 11:14 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. جاڭ چاڭنىڭنىڭ مۇسابىقىدىكى ھالىتى تولىمۇ ياخشى بولدى، ئىككىنچى قېتىملىق تېخنىكىلىق توختىتىشتا جۇڭگو كوماندىسى 12:16 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. مۇسابىقە توختاپ قايتا مەيدانغا چىققاندا، جۇ تىڭ ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئالدى، جاڭ چاڭنىڭ توپ باشلاپ نومۇر ئالدى، جۇڭگو كوماندىسى 13:20 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. رۇسىيە كوماندىسى 23:21 نەتىجىدە نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، يۈەن شىنيۆ تېز ھۇجۇم قىلىپ، كوماندىنىڭ بۇ مەيداندا غەلىبە قىلىشىنى مۇقىملاشتۇردى، جۇڭگو كوماندىسى 22:25 نەتىجىدە مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئىككىنچى مەيداندا، جۇڭگو كوماندىسى 16:25 نەتىجىدە مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئۈچىنچى مەيداندا، جۇڭگو كوماندىسى 18:25 نەتىجىدە مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 0گە قارشى 3 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە جۇڭگو ئاياللار كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى جۇ تىڭ 22 نومۇرلۇق نەتىجىدە پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان ماھىر بولدى، ئاساسىي ھۇجۇمچى جاڭ چاڭنىڭ 17 نومۇرغا ئېرىشتى. تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقە 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى دومىنىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ