9- ئاينىڭ 14- كۈنى، جېجياڭ نەنشۈن جيۇئەن ياشانغانلار شەھەرچىسى ياشانغانلار ياتاق بىناسىدا، جاۋ جىنشياڭ، چېڭ شياۋچىن ئەر-خوتۇن ( ئوڭدىن ئىككىنچى، ئوڭدىن ئۈچىنچى ) ۋە ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەن ئوغلى جاۋ فېنجيې ( سولدىن بىرىنچى) بىر ئائىلە كىشىلىرى چۆچۈرە تۈگمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جېجياڭ نەنشۈن جيۇئەن ياشانغانلار شەھەرچىسى شادلىققا چۆمدى، نۇرغۇن كىشىلەر دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ باشقا جايلاردىن خۇجۇۋ شەھىرى نەنشۈن قەدىمىي بازىرىغا كېلىپ، ياشانغانلار بىلەن بىللە جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزدى. جېجياڭ نەنشۈن جيۇئەن ياشانغانلار شەھەرچىسى 1997- يىلى قۇرۇلغان، ياشانغانلار ياتاق بىناسى، ياشانغانلار دوختۇرخانىسى ۋە ياشانغانلار كۇلۇبى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى كۈتۈنۈش مەھەللىسى بولۇپ، ياشانغانلار ياتاق بىناسى كۈتۈنۈش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش ۋە مەدەنىيەت، ئىستىراھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. ھازىر 108 ياشانغان كىشى ياشانغانلار شەھىرىگە كۆچۈپ كىردى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 81 ياش، ئەڭ چوڭى 99 ياش ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تەن جىن فوتوسى