تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن شاۋشيۇڭ) كۈز كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئالتاي، ئىلى قاتارلىق جايلار ئارقا - ئارقىدىن ئوت - چۆپ ئورۇش پەسلىگە كىردى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئوت - چۆپنىڭ كۆپىنچىسىنى چارۋىچىلار تېرىغان بولۇپ، نوقۇل ھالدا تەبىئىي ئۆستۈرۈشكە تايانمىدى. چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپى يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا ماڭدى.

يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى كۆك يورغا كەنتىنىڭ ھاۋاسى ئوت - چۆپ ھىدى بىلەن تولغان بولۇپ، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى زەينەش ناۋبېت ئورۇپ قويۇلغان ئوت - چۆپنى تۆمۈر تىرنا بىلەن يىغىپ، ھىم ئېتىپ، ئېچىتىپ سىلوس ياساشقا تەييارلىق قىلدى.

«ئۆزىمىز ئوت - چۆپ تېرىساق، سىرتتىن سېتىۋالمايدىكەنمىز، بىر يىلدا نەچچە مىڭ يۈەن ئوت - چۆپ پۇلىنى تېجىگىلى بولىدىكەن ھەم ئوتلاقنى قوغدىغىلى بولىدىكەن، يەنە ياردەم پۇل، مۇكاپات ئالالايدىكەنمىز» دېدى زەينەش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسى كىچىك چارۋىنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇرۇپ، چوڭ چارۋىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاپتۇ، ھازىر نەسىللىك كالىسىدىنلا ئۈچ - تۆت خىلى بار ئىكەن، «بۇ كالىلار يەرلىك كالىلاردىن تېز چوڭىيىدۇ، قوتاندىن بالدۇر چىقىدۇ، نەسلى ياخشى، ھەربىر كالىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 5000- 4000 يۈەنگە يېتىدۇ».

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئوتلاق، چارۋىچىلىق رايونىنى كېزىپ يۈرۈپ، تۆت پەسىلدە ئوتلاق يۆتكىلىپ، ھەممىلا يەردە پادا باقىدىغان ئەھۋال ئازايماقتا. چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن چارۋىچى قامچىنى تاشلاپ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلماستىن، بەلكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئوت - چۆپ تېرىپ، قوتاندا باقىدىغان بولدى، قوي - كالىلار «يازدا تويۇنۇش، كۈزدە سەمرىش، قىشتا ئورۇقلاش، ئەتىيازدا ئۆلۈش»تەك قىسمەتتىن قۇتۇلدى، چارۋىچىلىق يىرىك باقمىچىلىقتىن تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشقا قاراپ ئۆزگەردى.

«ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان بىر قىسىم چارۋىچىلارمۇ يەنە ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش چارىسى بويىچە، ئوتلاققا قاراپ چارۋا بېكىتىش ئارقىلىق چارۋا سىغىمچانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، بەلگىلەنگەن چارۋا سىغىمچانلىقى سانى كۆلىمىگە ئاساسەن تاغقا ئېلىپ چىقىپ يايلاتتى.» بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇربېك رىيزابېك مۇنداق دېدى: دىققەتنى زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي رېتسېپ بىلەن بېقىش، ئىلمىي نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىشنى كېڭەيتىش، زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپى ئۈلگىلىك بازىسى بەرپا قىلىشتىن باشقا، ناھىيەدە يەنە سودىگەر چاقىرىش، يېزىلاردا ۋاكالەتچى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، چارۋىچىلىق ئائىلىلىرى چارۋا، ئوتلاق، ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلارنى پاي قىلىپ قوشۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، چارۋىچىلىق كەسپى بايلىقىنى بىرلەشتۈردى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە ئوخشاشلا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپىدە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تەدرىجىي يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ، چارۋا توپى - چارۋا تۈرى قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان، ئۈچ كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلغان زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈۋېتىپتۇ. زامانىۋى سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يېشىل ئورگانىك كالا، قوي گۆشلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، ئات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپىدىكى يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەپ، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، ئوتلاق ئېكولوگىيە مۇكاپاتى تولۇقلىمىسى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ