تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتە يىل چىڭ تۇرۇش ئۆمۈرۋايەت پۇشايمان قىلماسلىق

− شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فەن لېي

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې لىڭ

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقىلى ئالتە يىل بولدى، يولۇققان قىيىنچىلىقىم تەسەۋۋۇرۇمدىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن پۇشايمان قىلمايمەن» دېدى فەن لېي 8- ئاينىڭ 10- كۈنى مۇخبىرغا.

فەن لېي، قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى. خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، «2016- يىللىق قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇنەۋۋەر كادىر»، «قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشتا يېڭى دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشتىكى ئىلغار شەخس» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

 مېھىر - مۇھەببەت ۋە چىڭ تۇرۇش

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېگىزلىكتە خىزمەت قىلىش جەريانىدا فەن لېي ۋە تاشقورغاندىكى كادىرلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى.

«تاجىك مىللىتى مەن كۆرگەن ئەڭ ئاق كۆڭۈل مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى قوغدىماقتا. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىشىمىز كېرەك» دېدى فەن لېي.

2017- يىلى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەردە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى. فەن لېي بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ئاپتوموبىل بىلەن يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان تاشقورغان يېزىسى قۇزغۇن كەنتىگە قاراپ ماڭدى. كېيىنكى يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن 30 نەچچە قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەشكە قارىماي يۇرتداشلارنىڭ ئۆي كۆچۈشىگە ياردەم بەردى، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنى رەتلىدى.

بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، فەن لېي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئۈچ كۈندە 100دىن ئارتۇق چېدىر تىكتى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى تۆتىنچى كۈنى سائەت 10دا، دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېدىر مەكتەپتە ياڭرىدى، 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسى ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

«مەن تاجىك مىللىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلاردا كىچىكىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد چېگرا ساقلىغۇچى، چېگرا قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى فەن لېي.

 ھازىر ۋە كەلگۈسى

تاشقۇرغاندا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى مول. 2016- يىلىدىن باشلاپ، فەن لېي ۋە باشقا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بارلىق يۆتكىگىلى بولىدىغان بايلىقنى يۆتكەپ، بۇ ناھىيەگە مەركەزلىك فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

«بىز 2016- يىلىدىن باشلاپ فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى پىلانلاشقا باشلىغان، 2017- يىلى تۈر تەستىقلاندى.» فەن لېي مۇنداق دېدى: ئۇنىڭدىن كېيىن، يېڭى قىيىنچىلىقلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.

تاشقورغاندا قىش پەسلى ئۇزاق، تۈرنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 10- ئاي كىرگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ھەر كۈنى ئەڭ ئىسسىق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، بېتون تۈۋرۈكنى قۇيغاندىن كېيىن دەرھال يوتقان ۋە يۇڭ ئەدىيال بىلەن ئوراپ قويدى. «بۇ يەردە تاش ئىنتايىن كۆپ، بىر ئۈشكىنى مەكىت ناھىيەسىدە ئۈچ ئاي ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بىز بۇ يەردە يېرىم ئاي ئىشلىتىپلا يېڭىسىغا ئالماشتۇرمىساق بولمايدۇ.» فەن لېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 12- ئايغا بارغاندا، يەنە ئىشچىلارنىڭ بورانغا قارىماي، ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنارغا يامىشىپ ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى، لىنىيە يوللىرىنى ياساۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

2018- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى، تۈر رەسمىي تاماملاندى ھەم تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلىپ، كۈندە ئىشلەپچىقىرىدىغان توك مىقدارى 150 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئۈنۈم - پايدا كۆرۈلدى.

«نۆۋەتتە، بىزنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىمىزنىڭ يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 37 مىليون 600 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 28 مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇ يەرلىك ئامما ئۈچۈن بىر تۈپ <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ> تىكىپ بەرگەنگە باراۋەر» دېدى فەن لېي.

تاشقورغاننىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئاز، داۋالاش بايلىقى ناھايىتى چەكلىك. فەن لېي بۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە، ناھايىتى تىت - تىت بولدى. 2017- يىلى، فەن لېي ئەترەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 2A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەردى. 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى، دوختۇرخانا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن رەسمىي ئۆتتى.

«ھازىر، دوختۇرخانىدا بوۋاقلار بۆلۈمى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ۋە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمى قۇرۇلۇپ، داۋالاش سەۋىيەسى ئۆستى، دوختۇر - سېسترالار قوشۇنى كۈچەيدى، كىنىشكا ئېلىپ ئىشقا چىقىش نىسبىتى ئاشتى» دېدى فەن لېي.

 مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ

فەن لېينىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە، %90تىن ئارتۇق مەزمۇننىڭ ھەممىسى تاشقورغانغا، قەشقەرگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ مۇنداق دېدى: «تاشقورغان مېنىڭ مەڭگۈ قەلبىمدە».

«ئېگىزلىك كېمىسى» دېگەن نامى بار قوتاز تاشقورغاننىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى، ئەمما ئۇزاقتىن بۇيان نەسىل ئاجىزلىشىش، قېرىلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ پەقەت ياۋا قوتازنىڭ گېنىنى كىرگۈزۈپ، قوتاز نەسلىنى ياخشىلاش مەركىزى قۇرۇش كېرەك.

قىلىمەن دەپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتى، فەن لېي جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چىڭخەي ئۆلكىسىدىن ئەڭ ياخشى قوتاز كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ يىل 3- ئايدا، بۇ ناھىيە چىڭخەيدىن ياۋا قوتاز كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھازىر 30 نەچچە قوتاز تۇغۇلۇپ، ياۋا قوتازنىڭ ماسلىشىش مەسىلىسى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى.

فەن لېي مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز قوتازلارنى توپقا ئايرىپ، يادرولۇق توپ، ئاساسىي توپ قۇرىمىز ھەم بىز كىرگۈزگەن قوتازلارنى چېگرا لىنىيەسىدىكى 13 قوتاز توپىغا تارقىتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە كىچىك ھەم تۈجۈپىلەپ سويۇش، پىششىقلاش لىنىيەسى قۇرۇپ، قوتاز گۆشىدىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار بىلەن دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئاچىمىز».

شېنجېن شەھىرى يەنە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن «<2 + 1> نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى، ئىككى جاي كەسىپ، ساياھەتچىلىك، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تاشقورغاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، 27 نۇقتىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا تاماملىنىۋاتىدۇ، تېخىمۇ يىراققا نەزەر سېلىنغان «ئېقىن سۇ» قۇرۇلۇشلىرى پامىر ئېگىزلىكىدە بىر - بىرلەپ بارلىققا كەلدى. بۇ، فەن لېي ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالتە يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە بىرلىكتە تاپشۇرغان جاۋاب قەغىزى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ