تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

چەيخېيەن ئۇرۇش قەھرىمانلىرى توپى: يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئارىسىدا تەۋەلىكىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جېڭ) تيېلىڭ شەھىرى لۇڭشوۋشەن تېغىدا، ئالتە قەھرىمان ساقچى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى. تەزىيە بىلدۈرگىلى كەلگەن كىشىلەر ھېلىمۇ ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ، ئۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر قېتىملىق ساقچى - باندىت ئېتىشىشى − چەيخېيەن ئۇرۇشىدا يۈزبەرگەن كىشى قەلبىنى ئېچىندۇرىدىغان جەڭ قىلىش ۋە قۇربان بېرىش ئىدى.

40 يىلنىڭ ئالدىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تيېلىڭ شەھىرى چەيخېيەن كەنتىدىكى دۆلەت يولى 102- لىنىيەسى بويىدا، تيېلىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تاپانچا، پىلىموت، گىرانات ئىشلىتىپ ھەم تانكىنىڭ ياردىمىدە ئىككى قاراقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، تەۋەلىكىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىغان. ئۇرۇشتا بەش خەلق ساقچىسى ۋە بىر قانۇن ساقچىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

1979- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئىككى ئەر، بىر ئايالدىن ئىبارەت ئۈچ گۇماندار ئىككى تولۇق ئاپتوماتىك مىلتىق، 5000 پاي ئوقنى ئېلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تيېلىڭ تەۋەسىگە قېچىپ كىرگەن. تيېلىڭ ساقچى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇپ تۇتۇشقا دەرھال ساقچى كۈچى تەشكىللىگەن، ساقچى تەرەپ جەمئىي بەش قوغلاپ تۇتۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا نۇقتىلىق بۆلەكلەردە توسۇشقا ئاتلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تيېلىڭ، كەييۈەن، چاڭتۇ قاتارلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىمۇ ۋوگزال ۋە مۇھىم قاتناش يوللىرىنى تېزلىكتە كونترول قىلغان.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قوماندانلىق ئىشتابى بىر مۇھىم ئاخباراتنى تاپشۇرۇۋالغان، تيېلىڭ ناھىيەسى پىڭ شياڭباۋ گۇڭشېسى توشۇش پونكىتى چوڭ ئەترىتى نىشاننىڭ ئىز - دېرىكىنى بايقىغان بولۇپ، قوماندان قوغلاپ تۇتۇش گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېز سۈرئەتتە توشۇش پونكىتى چوڭ ئەترىتىگە يىغىلغان ھەمدە ئىككى يولغا بۆلۈنگەن، بىر يول، چەيخېيەن كەنتىگە كىرىپ ئۆيمۇئۆي ئاختۇرغان، يەنە بىر يول، خاربىن - داچىڭ تاشيولىنى بويلاپ يول بويى قوغلىغان. قوغلاپ تۇتۇشقا قاتناشقان خەلق ساقچىلىرى تاشيول بويىدا گۇمانلىق كىشىلەرنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال گۇماندارنى بايقىغان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتقان. قوماندان بىر گۇرۇپپىنى ئايال گۇماندارنى سوراق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، قالغان ساقچى كۈچلىرى تاشيول، تۆمۈريولنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ ئاختۇرۇپ، قالغان ئىككى ئەر گۇماندارنىڭ تۆمۈريولدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئېتىزلىققا كىرىپ داۋاملىق قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تيېلىڭ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 4- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جۇ دېجۈن قوغلاپ تۇتۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، تاشيولنىڭ شەرقىي تەرىپىنى بويلاپ يول بويىدىكى دەرەخزارلىقنى ئاختۇرۇپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا، ئىككى ئەر گۇماندار تۇيۇقسىز يېقىنلا يەردىكى قويۇق تۇخۇمەكلىك ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاپتوماتىك مىلتىق بىلەن تەلۋىلەرچە ئوققا تۇتقان.

گۇماندارلار مول ھەربىي مەشىق تەجرىبىسى ۋە قارىغا ئېتىش ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا، ئىككى ئاپتوماتىك مىلتىقنىڭ شىددەتلىك ئوت كۈچىدىن ھاسىل بولغان يامغۇردەك ئوقلار ئۇلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىكى ساقچىلارغا تەگكەن. ئەترەت باشلاپ ئالدىدا مېڭىۋاتقان جۇ دېجۈن شۇ چاغدا ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، يەنىلا تېزلىكتە تاپانچىسىنى چىقىرىپ ياتقان يېرىدە قايتۇرما زەربە بەرگەن، يەنە باش قىسمىغا ئوق تېگىپ، نەق مەيداندا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. سىياسىي باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ جىنفا جىنايەتچىنى بايقىغان بىرىنچى ۋاقىتتا، سەپدىشىنى ھىمايە قىلىپ ياتقۇزۇپ قويغان ھەم قورالنى كۆتۈرۈپ قايتۇرما زەربە بەرگەن، ئۇدۇلدىن كەلگەن ئوق تېگىپ يىقىلغان، بەدىنى ئېغىر يارىلانغان. تاشيولنىڭ شەرق تەرىپىنى ئاختۇرۇۋاتقان تەھقىقلىگۈچى ۋاڭ شۇبەي جىنايەتچى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ تاشيولغا يىقىلغان.

تۆت تەرەپتىن ئىزدەۋاتقان ساقچى كۈچلىرى ئاۋازنى ئاڭلاپ يىغىلغان، دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى بېسىمىدا قوراللىق ئىككى گۇماندار بىلەن يول ئايرىپ تىركەشكەن ھەم ئاددىي ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى قۇرۇپ، سىرتتا قورشاۋ چەمبىرىكى ئورۇنلاشتۇرغان. دۈشمەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 30- 20 مېتىرلا كېلىدىغان تىركىشىش جېڭىدە، ساقچى تەرەپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئۆزئارا مۇھاپىزەت قىلىپ، گۇماندارلارنى ئوققا تۇتقان. ئىككى گۇماندار بايقاش قىيىن قويۇق تۇخۇمەكلىككە يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇپ، يەر شەكلى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەن، دۈشمەن يوشۇرۇن، بىز ئاشكارا بولغاچقا، تاپانچىدا ئوققا تۇتۇشنىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىغان، قوماندانلىق ئىشتابى شۆبە ھەربىي رايونىدىن دەرھال ئىككى ساندۇق گىرانات يۆتكەپ كەلگەن. ساقچى تەرەپ بىر تەرەپتىن تاپانچىدا ئوققا تۇتقاچ، بىر تەرەپتىن گىرانات ئارقىلىق قىستىغان.

ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچى ئاپشاركىسىنى كۆندۈرۈش يېتەكچىسى لى چاڭخۇا دۈشمەنگە قارشى ئالدىنقى سەپكە ئۆمىلىگىنىچە ئوق - دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن. لى چاڭخۇا قولىنى كۆتۈرۈپ گىرانات ئېتىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەندە ئوق تېگىپ، قان ئىچىدە يىقىلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئەرزىيەت قوبۇل قىلغۇچىسى شاڭ چى بىر يىل ئىلگىرى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن جەڭچى بولۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەربىي قابىلىيىتىگە تايىنىپ، ئەڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتكەن، قارشى تەرەپنىڭ ئوت كۈچىنى بېسىقتۇرۇپ سەپداشلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ گىرانات تاشلاۋاتقان شۇ پەيتتە بېشىغا ئوق تېگىپ، ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامىدا قۇربان بولغان. ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ساقچىسى شەن شىڭجۇڭ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا ساقچى - باندىت ئېتىشىشى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كەسپىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۆزلۈكىدىن جەڭگە قاتناشقان، بەختكە قارشى بېلىگە ئوق تېگىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇربان بولغان. ھالبۇكى، مۇھاپىزەت قىلىنىپ قۇتقۇزۇپ چىقىلغان شۈ جىنفامۇ يارىسى بەكلا ئېغىر بولغانلىقتىن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

قىسقا ئەمما شىددەتلىك دوقۇرۇشما جەڭدە بەش خەلق ساقچىسى، بىر قانۇن ساقچىسى يىقىلغان. تېخىمۇ زور ئۆلۈش - يارىلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ۋاقىتلىق قوماندانلىق ئىشتابى تانكا يۆتكەپ ياردەم بېرىش ھەققىدە يوليورۇق سورىغان. چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، ساقچى تەرەپنىڭ شىددەتلىك ئوت كۈچى ھۇجۇمىدا، گۇماندار لىن X باشقا كەلگەننى كۆرۈش نىيىتىدە دەلدەڭشىگىنىچە تاشيولغا سەكرەپ چىقىپ ئەسەبىيلەرچە ئوق چىقارغان ھەم قېچىشقا ئۇرۇنغان، ساقچى تەرەپنىڭ زىچ ئوققا تۇتۇشىدا نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. يەنە بىر گۇماندار شۈ X ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىركىشىشكە ئۇرۇنماقچى بولغىنىدا گىراناتتا پارتلاپ ئۆلگەن. يېڭى جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى تارىخىدىكى بۇ مەيدان ئەڭ ئېچىنىشلىق ساقچى - باندىت ئېتىشىشى ئاخىر ساقچى تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان، ھالبۇكى، قۇربان بولغان ئالتە قەھرىمان ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ۋەسىيىتىنىمۇ قالدۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن.

بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا قۇربان بولغان بەش خەلق ساقچىسى، بىر قانۇن ساقچىسىغا شۇ چاغدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن، 1979- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، قۇربانلارنىڭ جەسەت كۈلى تيېلىڭ لۇڭشوۋشەندىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

چەيخېيەن ئۇرۇشىدىكى بەش نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمان - قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرى سۆيۈملۈك ئادىمىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بايان قىلىنغان شەرىپى ۋە ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 18 ئادەم ئورنىغا چىقىش، ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنىش، قىسىمدىن كەسىپ ئالمىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تيېلىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا قوشۇلدى. قۇربان شۈ جىنفانىڭ نەۋرىسى ئەنگلىيەدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە ئىمتىھان بېرىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا كىرىپ، تيېلىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ