تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى

1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان بىرىنچى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونومىيەلىك جاي − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. 1965- يىلىغا كەلگەندە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىلا قۇرۇلغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى قوشقاندا، دۆلىتىمىزدە جەمئىي بەش مىللىي ئاپتونوم رايون قۇرۇلدى.

بىرلىككە كەلگەن جۇمھۇرىيەت رامكىسى ئىچىدە مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش يېڭى جۇڭگونىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىي تۈزۈمى. «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورتاق پىروگراممىسى» لايىھەسىنى تەييارلىغان چاغدا، دۆلىتىمىزدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ سانىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەردە «چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان» ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەنلىكىنى ئويلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزدە مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

«ئورتاق پىروگرامما»دا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىردەك باراۋەر، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش... يولغا قويۇلۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى» «ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار چوقۇم مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇپ، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ قانچىلىكلىكى ۋە رايوننىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈرلۈك مىللىي ئاپتونومىيەلىك ئورگان قۇرۇشى كېرەك». 1952- يىلى 2- ئايدا مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش تېزىسى»نى ماقۇللاپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە مەمۇرىي ئورنى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى.

مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە بىر يۈرۈش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مىللىي سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى كۆچمەن چارۋىچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئولتۇراقلىشىپ مەدەنىي، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوۋچىلىق قىلىپ كەلگەن ئورونچونلار ئولتۇراقلىشىش ئورنى قۇرۇپ، خۇشال - خۇرام ھالدا يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. ئۇزاق مۇددەت قەدىمىي ئورمانلىقنى ماكان، ھايۋانات تېرىسىنى يېپىنچا قىلىپ، ياۋا مېۋىلەر بىلەن ئاچلىقىنى بېسىپ، ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن كۇسۇڭلار ئورمان دېڭىزىدىن چىقىپ، ماكانلىشىپ ئولتۇراقلاشتى.

ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى 1950- يىلى 11- ئايدا «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە «مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىنى تەييارلىق قىلىپ قۇرۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. 1951- يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىدە رەسمىي ئوقۇش باشلاندى، ھەرقايسى جايلارمۇ مىللىي شۆيۈەنلەرنى قۇردى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا قەدەم قويدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىقىدا، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شەكىللىنىشكە باشلاپ، مىللىي رايونلارنىڭ جەمئىيىتى، ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىدە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بولدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ