تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلىنىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى

− شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جيا فاڭ

مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، غەيرەت قىلىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش!

نۆۋەتتە، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئۈرۈمچىدىن كۈيتۈنغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشى قاتناش باشلاشنىڭ «تەتۈر ساناق باسقۇچى»غا كىردى. شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان تۈرنىڭ 1- بۆلىكىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قىزغىن كەيپىياتتا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئەسلىدە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئەسلىي قارىمىقىدىكى 1- دەرىجىلىك تاشيول باشقۇرۇش باشقارمىسى ماشىنىلاشقان قۇرۇلۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ تۈزۈلمە ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىنغان شىمالىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى ئىدى. 20 يىلدىن بۇيان، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇش ئەترىتىدىن تەدرىجىي شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 نەچچە تۈرلۈك تېخنىكا پاتېنتىغا، توققۇز تۈرلۈك دۆلەت ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئون نەچچە تۈرلۈك ساھە ئۆلچىمى ۋە يەرلىك ئۆلچەمنى، 30 نەچچە تۈرلۈك دۆلەت ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ئۇسۇلىنى تۈزۈشكە قاتناشتى.

 سۈپەت ئارقىلىق ئالقىشلاشقا سازاۋەر بولۇش

9- ئاينىڭ 11- كۈنى، G30 ئۈرۈمچى - كۈيتۈن بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ 1- بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ ھەم رەتلىك - تەرتىپلىك ئىدى. ماتېرىيال مەيدانىدا، يۇقىرى بېسىملىق چاڭ - توزاندىن مۇداپىئەلىنىش - تۇمانلاشتۇرۇپ سۇ پۈركۈش ماشىنىسى توختىماي تۇمانلاشتۇرۇپ سۇ پۈركۈپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلاشتىن چىقىدىغان چاڭ - توزاندىن ساقلىنىۋاتاتتى؛ قۇرۇلۇش مەيدانىدا، ئىشچىلار ئارغامچا شەكىللىك سۇيۇقلۇق بېسىمىلىق ئالماس ھەرە بىلەن پولات چىۋىقلىق بېتوننى ھەرىدىمەكتە ئىدى.

«بۇ تۈر ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەۋە بولغاچقا، نەق مەيداندا چۇۋۇشقا تېگىشلىك قۇرۇلمىلار بىرقەدەر كۆپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە پولات چىۋىقلىق بېتوننى چۇۋۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت بىرقەدەر ئۇزاق بولغاچقا، قۇرۇلۇش مۇددىتىگە تەسىر يېتەتتى. مەسىلەن، ئىلگىرىكى بىر مېتىردىن تۆت مېتىرغىچە بولغان سۈڭگۈچ تەكچىسىنى چۇۋۇشقا يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر ئارغامچا شەكىللىك ھەرە بىلەن ھەرىدەش قوللىنىلغاچقا، پەقەت يېرىم كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى - كۈيتۈن بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ 1- بۆلىكىدىكى مەسئۇل ئىقتىسادچى لى چياڭ.

G30 ئۈرۈمچى - كۈيتۈن بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكى «قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىللىق يول»دىن «قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىللىق يول»غا ئۆزگەرتىلىپ، كېڭەيتىپ ياسىلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، لىنىيە بويى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

1- بۆلەكتە بىر چوڭ كۆۋرۈك، 18 ئوتتۇراھال كۆۋرۈك، 15 كىچىك كۆۋرۈك (ئۆتۈشمە يول)، 98 سۈڭگۈچ، بەش ئورۇندا ھالقىما ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، بەش ئورۇندا ئۆزئارا ئۆتۈشمە كۆۋرۈك تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇلازىمەت رايونى، باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتى، ئاساسىي لىنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى قاتارلىقلار بار. تۈردە «بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىل قاتناپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىش» ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، قۇرۇلۇش جەريانىدا ھەممە جاي خىرىسقا تولغان.

لى چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئارغامچا شەكىللىك سۇيۇقلۇق بېسىمىلىق ئالماس ھەرە قوللىنىلغاندىن باشقا، تۈردە يەنە كىچىك تىپتىكى قۇرۇلما دېتاللىق ئاقما لىنىيەلىك قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، چوڭقۇر ئۇل ئازگىلى يېنىك تىپتىكى پولات تۇرۇبا قوزۇقى بىرىكمە تىرەش تېخنىكىسى ھەمدە ئارقا تەرەپتىن قايتا تىندۇرۇش شەكلىدىكى يۇقىرى چاستوتىلىق سۇيۇقلۇق بېسىمىلىق تەۋرىتىپ چىڭداپ قۇرۇلۇش قىلىش تېخنولوگىيەسى قاتارلىقلار پائال كېڭەيتىلىپ ۋە قوللىنىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، سۈپەتلىك قۇرۇلۇش بەرپا قىلىندى. G30 ئۈرۈمچى - كۈيتۈن بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ - شىزاڭ، ئۈرۈمچى - كۈيتۈن، سايرام - كەڭساي قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى تۈرلىرى ھەم زور تۈركۈم ناھىيە، يېزا يوللىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى، بازار ئۈلۈشى ئىزچىل شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ كەلدى، بولۇپمۇ بۇ شىركەت يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قەھرىتان سوغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، يۇمشاق تۇپراق، قۇم - بورانلىق تۇپراق، شورلۇق تۇپراق قاتارلىق ئالاھىدە كىلىمات، مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك شارائىتتىكى قۇرۇلۇشقا قارىتا، مول قۇرۇلۇش تەجرىبىسىگە ئىگە. قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان تۈرلەرنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 بولدى، ئەلا بولۇش نىسبىتى %85تىن ئاشتى.

 يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا قارىتا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ئوخشاش بولمىغان تونۇش ۋە چۈشىنىشكە ئىگە، ھالبۇكى، «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش» «يېشىل تەرەققىيات» «سۈپەتلىك ياساش» «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» قاتناش قۇرۇلۇشى كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى.

يېقىندا، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا زور نىسبەتتە «كېرەكسىز، كونا ئاسفالت قوشۇلغان ئارىلاشما ماتېرىياللارنى قايتا ھاسىل قىلىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى» «ئاسفالتلىق ئارىلاشما ماتېرىياللىق يول يۈزى قۇرۇلۇش ئەھۋالى سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئېچىپ قوللىنىش»تىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسى بىردەك قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى.

«بۇ، شىركەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى ۋە يۆنىلىشىنى نامايان قىلماقتا» دېدى شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ باش ئىنژېنېرى خۇاڭ يۇڭ.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 20 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ سايىسىنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ شىركەت باشلامچى بولۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان «يېشىل، تۆۋەن تەننەرخلىق، يۇقىرى ئىقتىدارلىق سېمونت بېتون ياساش ئاچقۇچلۇق يۈرۈشلۈك تېخنىكىسى» دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى سېمونت مىقدارىلىق قۇرۇلۇش كېرەكسىز ماتېرىياللىرى، جۈملىدىن قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى، تاشلاندۇق داشقال توپا قاتارلىقلاردىن بىۋاسىتە دەۋرىي پايدىلىنىپ، ھەر خىل ئۆلچەمدىكى سېمونت بېتون قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

خۇاڭ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تېخنىكا شىنجاڭدا كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى ھەم خوتەننىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرگە قوللىنىلدى. ئەنئەنىۋى بېتون تېخنىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ تېخنىكىدا ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش تەننەرخىنى %50 تېجەپ قالغىلى، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى %50 قىسقارتقىلى بولىدۇ.

كۆپۈكلەشتۈرۈلگەن ئاسفالتنى سوۋۇتۇپ قايتا ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى، تۇپراقنى قاتۇرۇش تېخنىكىسى، پەن - تېخنىكىلىق ئالدىن ئاسراش تېخنىكىسى... شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىر يۈرۈش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان تەتقىق قىلىپ ئېچىش، باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك كارخانا تېخنىكا مەركىزى، دۆلەت دەرىجىلىك پوستدوكتورلار كۆچمە پونكىتى، دۆلەت، يەرلىك بىرلەشمە قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى، قاتناش - تىرانسپورت ساھەسىنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قاتارلىق پەن تەتقىقات سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشقا تايىنىپ، شىركەت تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى ماتېرىياللارنى كېڭەيتتى.

 يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش

بۇ يىل 7- ئايدا، G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغ - كۇچا بۆلىكىدىكى تاشيولنىڭ كەمتۈك، بۇزۇلغان جايلىرىنى تولۇقلاپ رېمونت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملاندى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق «توردا ئالقىشلانغان تاشيول»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش يىرىك پىلانى چارلاپ تەكشۈرۈش - لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى بىلەن شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە گەۋدە خېرىدار بولۇپ يولغا قويغان.

«قاتناش+ساياھەت»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى «تېز ئىلگىرىلىتىش كۇنۇپكىسى»نىڭ بېسىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قاتناش لىنىيەسى بويىدىكى ساياھەت بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەت تۈرلىرىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت ئېھتىياجىنى قاتناش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، قاتناش كەسپىنىڭ ساياھەت كەسپى بىلەن ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشى، بىر - بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بۇ كارخانا خوتەن، ئالتاي، قەشقەر، ئاقسۇ، تارباغاتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ساياھەتچىلىك كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ سەر خىل ساياھەت لىنىيەسىدىكى بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى يەنە «سىرتقا چىقىش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، خەلقئارالىق كەسپىنى ئافرىقا، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغىچە تەرەققىي قىلدۇردى.

كامېرون جۇم - مىنتوم - كونگو (بىراززاۋىل) چېگرا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى يولغا قويۇۋاتقان چەت ئەللەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. بۇ تۈر كامېرون بىلەن كونگو (بىراززاۋىل)نى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول، تۈر پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، يولنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كامېرون ھەم ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كامېرونغا كىرگەن بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى خىزمەت، تۇرمۇشتا شۇ جايدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقىرىش، يولدىكى توسالغۇلارنى تازىلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ ناھايىتى كۆپ ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى. شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى نوقۇل قۇرۇلۇش قىلىش كارخانىسىدىن «پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىلىك، پۈتۈن قىممەت زەنجىرىلىك، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىلىك» «باش سېلىنما كارخانىسى، باش ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانا، باش تىجارەت قىلغۇچى كارخانا»غا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ