تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ نەتىجە - ئۈنۈم يارىتايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

9- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1- تۈركۈمىنى خۇلاسىلەش ھەم 2- تۈركۈمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلىدى، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي روھى، سىياسىي جېنى. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولدى؛ دىققەتنى تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئاڭلىق ھالدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، ئىدىيەۋى مەنزىلدە يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشتى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، خەلققە بولغان مۇھەببىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلىشى، ياخشى تەشكىللىشى كېرەك.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش جايىدا بولۇش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىك جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆرنەك قىلىپ، تەتبىقلاپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا زىت ھەرخىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ھاسىلات بولۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، دىققەتنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەنى ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە، پۇختا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي نەزەرىيەدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە - تەدبىرلىرىنى تېپىش كېرەك؛ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ھەقىقىي ھالدا مەسىلىنى دەل تېپىش، ئەمەلىي تېپىش، مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كېرەك؛ تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «ئۆزگەرتىش»نى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئۆزگەرتىپ، بىلگەن ھامان ئۆزگەرتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئۆزگەرتىش كېرەك.

ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك چىڭ، بۇرچ زىممىمىزدە. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپىسى ئېغىر، تەلىپى يۇقىرى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ھەرقايسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى چىڭ، پۇختا كۈچەيتىشى كېرەك؛ ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرىجە - تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىجابىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، ۋاقىت قوغلىشىش، سۈرئەت قوغلىشىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ