تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ياۋ جې: مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە يارىتىش

ياۋ جېنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 8- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چېن ۋېنگۇاڭ) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋياڭ شەھىرى شۇاڭچىڭ رايونى دۇتوۋچياۋ بازىرى جياڭجۈن ياۋ جېنىڭ يۇرتى، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن نام بېرىلگەن بىر مەكتەپ بار − ئۇ ياۋ جې ئوتتۇرا مەكتىپى. مەكتەپ ئىچىدە، جياڭجۈن ياۋ جېنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىغا قارىتىپ قويۇلغان ھەربىي فورمىلىق ھەيكىلى بار بولۇپ، مەكتەپكە كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان ھەربىر كىشىگە «نەزەر تاشلاپ» تۇرىدۇ. بۇ، شاۋياڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى بازىسى بولغاچقا، ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندە، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ياۋ جېنىڭ ئىنقىلابىي ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يۇرتىدىكى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى ئەستىن چىقارماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ.

ياۋ جې جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جياڭلىڭى، 1906- يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن شاۋياڭدىن. 1925- يىلى يېزا دېھقانلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، رەئىس بولغان. 1928- يىلى 7- ئايدا پىڭجياڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە كىرگەن. 1929- يىلى، ياۋ جې جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

ياۋ جې ئىلگىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ ليەنجاڭى، يىڭجاڭى، تۇەنجاڭى، شى سەنمۇجاڭى بولغان، مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ ھەر قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشىغا قاتناشقان. 1934- يىلى 1- ئايدا، فۇجيەن شاشيەن ناھىيەسىدىكى جەڭدە، ياۋ جې 50تىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ شەھەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۈشمەن بىلەن شىددەتلىك كوچا جېڭى ۋە نەيزىۋازلىق قىلىۋاتقاندا، بەدىنى ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ قەيسەرلىك بىلەن قوماندانلىق قىلغان، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تارقىتىپ بەرگەن 3- دەرىجىلىك قىزىل يۇلتۇز مېدالىغا ئېرىشكەن. ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا ئىلگىرى دۆلەت سىياسىي مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ زۇڭدۈيجاڭى بولغان. شىمالىي شەنشىگە كەلگەندىن كېيىن، ياۋ جې شى سەنمۇجاڭى، شىجاڭ بولغان، جىلو بازىرى، شەرققە يۈرۈش قىلىش، غەربكە يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. 1937 - يىلى باھاردا، يەنئەنگە كېلىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەربىي - سىياسىي داشۆسىدە ئوقۇغان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، ياۋ جې 8- ئارمىيەنىڭ 120- شىسى 358- لۈيىنىڭ سەنمۇجاڭى، 715- تۇەنىنىڭ مۇۋەققەت تۇەنجاڭى بولۇپ، سەنشىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەتتە شەھەرنى قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. 1938- يىلى 8- ئايدا، ياۋ جې لى جىڭچۈەن بىلەن قوشۇن باشلاپ داچىڭشەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسىنى ئېچىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ داچىڭشەن ئاتلىق ئەسكەرلەر تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى، سىلىڭيۈەنى بولغان، كېيىن 100 تۇەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ۋە داچىڭشەن ئارمىيە - خەلقىنىڭ «تازىلاش»قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، سۈييۈەن ۋە سەنشىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ زىچ ماسلىشىشىغا مۇھىم شارائىت ھازىرلاپ، داچىڭشەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1943- يىلى، ياۋ جې شىمالىي چېگرا شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولغان، 1945- يىلىدىن باشلاپ سۈيمېڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولۇپ، قوشۇن باشلاپ داتۇڭ - جىنىڭ قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان.

1948- يىلىدىن كېيىن، ياۋ جې غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى 8- زۇڭدۈيىنىڭ سىلىڭيۈەنى، 1- دالا ئارمىيەسى 8- جۈنىنىڭ جۈنجاڭى، قوشۇمچە سۈيمېڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولغان. ھەر قېتىملىق ئىنقىلابىي ئۇرۇشلاردا، ياۋ جې پىداكارلىق بىلەن كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياۋ جې سۈييۈەن ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى بولغان. 1951- يىلى 8- ئايدا، ئۇ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى 23 - بىڭتۇەنىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى بولغان. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش يۇقىرى دەرىجىلىك پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ 1- مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ مۇدىرى، ۋۇخەن ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى بولغان. 1955 - يىلى، ياۋ جې جۇڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1979- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭدا كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان.

گەرچە جياڭجۈن ياۋ جېنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 40 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما يۇرتداشلارنىڭ قەلبىدە ئۇ ئەزەلدىن يىراقلىشىپ كەتمىدى. ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، جياڭجۈن ياۋ جې تۇغۇلغان كەنتنىڭ نامى ياۋ جې كەنتىگە ئۆزگەرتىلدى ھەم بۇ كەنت شۇ جاينىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك كەنتكە ئايلاندى. «جياڭجۈن ياۋ جې كەنتىمىزنىڭ پەخرى، بىز كۆپ تەرەپلەردىن مەبلەغ جۇغلاپ، جياڭجۈننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى قاتارلىقلارنى رېمونت قىلىپ، قىزىل مەدەنىيەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى ياۋ جې كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ گوخۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ