ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى نارات يايلىقىدا 9- ئاينىڭ 10- كۈنى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ياغدى. 9- ئاينىڭ 11- كۈنى ھاۋا ئېچىلدى، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تاغقا چىقىپ قار تاماشاسى قىلىپ، سۈرەت تارتىپ، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالدى. دېڭىز يۈزىدىن 2800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى نارات «بوشلۇقتىكى يايلاق»تىن يىراققا نەزەر سالغاندا، ئىككى تەرەپتىكى تاغ تىزمىلىرى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئورمانلار ياپ-يېشىل ئىدى، كۈز قارلىرى يايلاققا ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە قوشقانىدى. تاۋ شۈەنكې فوتوسى
جۇڭگو ئاخبارات تورىدىن تەرجىمە قىلىندى