تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئاشكارا تۈزەش دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش

ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش، دەرھال چۈشىنىپ، دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى ئاشكارا تۈزەشتە چىڭ تۇردى، باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچىدىكى گېزىتلەردە «ھەر مىللەت ئاممىغا بىر پارچە خەت»نى بېسىپ، داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنىڭ كونكرېت مەزمۇنى، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى؛ 12320 سەھىيە قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق مەسىلە يىپ ئۇچىنى كەڭ توپلاپ، ئامما پاش قىلىش تۈزۈمىنى راۋانلاشتۇردى؛ ئەرزىيەتنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۇچۇر سۇپىسىغا تايىنىپ، 2- دەرىجىلىك، 3- دەرىجىلىك 21 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە بولغان 2 مىليون 367 مىڭ 200 پارچە كېسەل تارىخىنىڭ باش بەت ئۇچۇرىدىن نۇسخا ئېلىپ، تۈرلۈك ئۆسمە ئوپېراتسىيەسى، بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق 25 خىل ئوپېراتسىيە ۋە كېسەل تۈرىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىپ، ئوتتۇرىچە خىراجىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ، چوڭ رېتسېپ يېزىش، قىممەت دورىلارنى يېزىش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، زىيادە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تاپتى.

ئۆگىنىش - تەربىيەدە قايتا ئويلىنىدىغان مەسىلىلەر، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەر ۋە كادىرلار، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى دىققەتنى مەسىلىلەرنى دەرھال چۈشىنىپ، دەرھال تۈزىتىشكە، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىشكە مەركەزلەشتۈردى. ھەرقايسى داۋالاش - سەھىيە ئورۇنلىرى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزەش تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلى، تۈزەش ۋەزىپىسىنى تەقسىملەش جەدۋىلى تۈزۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىشلىق تۈرلۈك مەسىلىدىن جەمئىي 432نى تاپشۇرۇۋېلىپ، 366نى دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى، 66 مەسىلە تۈزىتىلىۋاتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ساقلاش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە قارىتا، تېلېفون، تور، يان تېلېفون ئېچىش ۋە ئالدىن كېلىشىشتە ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىش ماشىنىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئالدىن كېلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ، ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ساقلاش ۋاقتىنى بىر سائەتتىن يېرىم سائەتكە قىسقارتىپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى ساھە ھالقىش، كۆپ تارماق، گىرەلىشىپ كېتىشتەك قىيىن نۇقتا، مۇھىم نۇقتا مەسىلىسىگە قارىتا، تارماقلار بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش، ماسلىشىش، ئۇچۇر قايتما ئىنكاسىدىن ھەمبەھرىلىنىش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ بېجىرىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. تۈزىتىش خىزمىتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە - داۋالاش سىستېمىسى يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى يىراق بولۇش»ىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىدىغان مەسىلە قىلىپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش سىياسىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىگە تايىنىپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشتا بىر نۇقتىنى كۆپ نۇقتا بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش، كۆپ نۇقتىنى كۆپ نۇقتا بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ يۇغۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش، تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يېتەكلەش ئارقىلىق، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىدىن بەھرىلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ