تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

خەلقئارا سەھنىگە چىقىش

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ماۋ زېدۇڭ «ئۆينى پاكىز تازىلاپ ئاندىن مېھمان چاقىرىش» دىپلوماتىيە فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خورلۇق دىپلوماتىيەسىدىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چاۋشيەن ئۇرۇشى توختىغاندىن كېيىن، خەلقئارا ۋەزىيەت خېلى پەسىيىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى تەدرىجىي ئۆستى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنۋە يىغىنى ۋە باندۇڭ يىغىنىغا قاتناشقانلىقى يېڭى جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىققانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى بولدى.

1954- يىلى 4- ئايدىن 7- ئايغىچە، جوۋ ئېنلەي ئۆمەك باشلاپ جەنۋە يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم بەش چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى بولۇشتەك ئورنى ۋە سالاھىيىتى بىلەن خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىشى. جوۋ ئېنلەي جىددىي موكىسىمان دىپلوماتىيە ئېلىپ باردى، كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، يىغىن «جەنۋە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىتابنامىسى»نى ھاسىل قىلدى، ھىندىچىنىدا تىنچلىق ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى. يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا، جوۋ ئېنلەي بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلار بىلەن ئۇچراشتى، ئۇنىڭ سەمىمىي، ئوچۇق - يورۇق، زېرەك ۋە قاملاشقان سېھرىي كۈچى كىشىلەردە، بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ئەسلىدە تەشۋىشلىنىپ تۇرغان كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

يىغىن توختاپ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جوۋ ئېنلەي ھىندىستان ۋە بىرمىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بىلەن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش. بۇ بارا - بارا خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئومۇمىي مىزانىغا ئايلاندى.

1955- يىلى 4- ئايدا، جوۋ ئېنلەي يەنە بىر قېتىم ئۆمەك باشلاپ ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭدا ئېچىلغان ئاسىيا - ئافرىقا يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان بەزى دۆلەتلەر يېڭى جۇڭگونى چۈشەنمىگەچكە، سۆزىدە كوممۇنىزمنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، جوۋ ئېنلەي سۆزىنىڭ باشلىنىشىدىلا مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسەتتى: «جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى جېدەللىشىش ئۈچۈن ئەمەس ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن كەلگەن.» «جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن كەلگەن.» يىغىندىكى جىددىي كەيپىيات جوۋ ئېنلەينىڭ سۆزى بىلەن ئۆزگەردى. يىغىن ئەڭ ئاخىرى «ئاسىيا - ئافرىقا يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاخباراتى»نى ھاسىل قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئون پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئەمەلىيەتتە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ يەنىمۇ گەۋدىلىنىشى ۋە كېڭەيتىلىشىدۇر.

باندۇڭ يىغىنىدا نامايان قىلىنغان ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت «باندۇڭ روھى» ئاسىيا - ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن تارىخىي بىر بەت ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا دوستلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ