شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ھەرەمباغ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە پاتىگۈل ياسىن (ئوڭدا) ۋە قىزى ھويلىدىكى كەپتەرخانىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە ( 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). پاتىگۈل ياسىن ئائىلىسى بۈگۈنكى كۈندە كەپتەر بېقىش ئارقىلىق ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، بۇ ئېغىر نامرات ئائىلىنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد بار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، مۇخبىر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن دېھقان ھويلىسىنىڭ دېھقانلارنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئايلانغانلىقىنى كۆردى. كالا، ئېشەك، ئاق كەپتەر بېقىش؛ گۈل، كۆكتات، مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈش ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغان ھەمدە بەختلىك تۇرمۇش ياراتقانىدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست — قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەت بېكىتكەن «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست»تىن ئىبارەت ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى. ئۆتكەنكى بەش يىلدا، يەرلىكتە جەمئىي 1 مىليون 889 مىڭ 500 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، 1707 كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، تۆت نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %29.1تىن %10.9كە چۈشتى.
شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە سەلىمە سۇلتان ئۆيىدە گۈللىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (8-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). گۈل-گىياھ پەرۋىش قىلىش، سېتىش ئارقىلىق، سەلىمە سۇلتان ئائىلىسى بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ھەرەمباغ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە پاتىگۈل ياسىن (سولدا) ۋە ئوغلى ھويلىسىدىكى كەپتەرخانىدا كەپتەرلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (8-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). پاتىگۈل ياسىن ئائىلىسى كەپتەر بېقىش ئارقىلىق ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، بۇ ئېغىر نامرات ئائىلىنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد بار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسىدا دېھقانلار ئەتىرگۈل ئۈزمەكتە (9-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرىدا دېھقانلار ياڭاق ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى ئارىش كەنتىدە چىلانچى دېھقان چىلانلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (9-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى ئېگىزيەر يېزىسىدا بىر دېھقان كالىلىرىغا يەم-خەشەك بەرمەكتە (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا دېھقانلار ئۈزۈم ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى سۆلۈك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بەردىئاخۇن مەمەت كۆكتات پارنىكىدا ئىشلىمەكتە (6-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى سۆلۈك كەنتىدە كەنت ئاھالىسى ئېشەكلىرىنى يېتىلەپ، ئېشەكلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىپ بېقىش رايونىغا ئاپىرىپ ئۇرۇقلاندۇرۇشنى كۈتمەكتە. (6-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان). ئەگەر بىر مادا ئېشەك بوغاز بولۇپ قالسا، پەقەت تەخىيى ۋە ئېشەك سۈتى بىلەنلا كەنت ئاھالىسى ئون مىڭ يۈەنگە يېقىن پايدا ئالىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى