شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەي جيالى، ليۇ خۇڭشيا
ۋۇستام نۇرجۇن 60 نەچچە يىل ياشاپ، تۇرۇبا سۈيىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيىدىكى جۈمەكتىن ئېتىلىپ چىققانلىقىنى كۆرگەنگە قەدەر، تۈزۈك كۆز يېشى قىلىپ باقمىغانىدى.
«بىزنىڭ نۇرغۇن يۇرتداشلىرىمىز تۇرۇبا سۈيىنى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقماي، ئۆلۈپ كەتتى.» ئۆزىنىڭ رەتلىك، پاكىز يېڭى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆز چانىقى قىزىرىپ كەتتى.
تاشقورغان ناھىيەسىدە جەمئىي 45 مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ 44ى نامرات كەنت، 32سى ئېغىر نامرات كەنت. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 4074 نامرات ئائىلە، 16 مىڭ 505 نامرات ئاھالە بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 3181 ئائىلىدىكى 12 مىڭ 823 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، 893 ئائىلىدىكى 3682 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان بولۇپ، نامراتلىق نىسبىتى %12.34.
تاغلار ئېگىز، جىلغىلار چوڭقۇر، نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟ ئالدى بىلەن كۆچۈش كېرەك!
راسكام كەنتى جۇڭگو-پاكىستان چېگراسىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، 193 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسى بار. چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ چېگرا رايوننى خاتىرجەم قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2017-يىلى، ھۆكۈمەت تولۇق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 12 جىلغىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان 161 ئائىلىدىكى 746 كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈشنى قارار قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 141 ئائىلە چېگرادىكى يېڭى كەنتكە كۆچۈرۈلدى، 20 ئائىلە ناھىيە بازىرىدىكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈلدى.
ئۆي كۆچۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.
2018-يىلى ئەتىيازدا، شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، ۋۇستام ئانىسىنى ئېلىپ، تۆگىلىرىنى يېتىلىگىنىچە، ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يېڭى ئۆيىگە كېلىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.