تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۈزۈم ۋە گلۇكوزىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

  گلۇكوزا تەبىئەت دۇنياسىدىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ ھەم ئەڭ مۇھىم بولغان بىر خىل مونوساخارىد، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاندىكى گلۇكوزىغا تايىنىپ ئېنېرگىيە چىقىرىدۇ. چۈنكى گلۇكوزىنىڭ ئېنېرگىيە تولۇقلىشى كۈچلۈك ھەم تېز بولغاچقا، دوختۇرخانىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئوكۇلى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ  ئىچىملىكى تەركىبىدە گلۇكوزا بار.

  نۇرغۇن كىشىلەر ئۈزۈم بىلەن گلۇكوزىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىغا قىزىقىدۇ. 1747-يىللىرى، گېرمانىيە خىمىيە ئالىمى ماراگراف قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە بۇ خىل تاتلىق ماددا بولغان ئارىلاشمىنى ئايرىپ چىققان، يەنە 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، فرانسىيەلىك تۆت خىمىيە ئالىمى بۇ خىل تاتلىق ماددىنىڭ يەككە تەنچىسىنى ئايرىپ چىقىپ، گلۇكوزا دەپ نام بەرگەن. كېيىن، ئالىملار گلۇكوزا ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تاتلىق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە بار، مەسىلەن: تاۋۇز، شاڭجاۋ، نەشپۈت، ئالما، گۇييۈەن، چىلان قاتارلىقلار ھەتتا قاندىمۇ بارلىقىنى بايقىغان، لېكىن مەنبەسىگە ئاساسەن نام بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا، ئىزچىل تۈردە گلۇكوزا دەپ ئاتالغان. ئۈزۈم تەركىبىدە قەنت تۈرىدىكى ماددىلاردىن گلۇكوزىلا بارمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس. گلۇكوزا پەقەت ئۈزۈمدىكى نۇرغۇن قەنت تۈرىدىكى ماددىلار ئىچىدىكى بىر خىلى. ئۈزۈم تەركىبىدە يەنە مېۋە شېكىرى، گالاكتوزا، ماننوزا، مالتوزا، ستاخىئوزا، راففىنازا، مېلىبىئوزا، كراخمال، مېۋە يېلىمى، ئاكتىپ پولىساخارىد قاتارلىقلار بار.

  زامانىۋى تېخنىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، گلۇكوزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئاللىبۇرۇن ئايرىپ ئېلىش ئۇسۇلىلا ئەمەس، ھازىر ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل قوش ئېنزىم ئۇسۇلى ۋە كىسلاتا ئېنزىم ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قوش ئېنزىم ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ. قوش ئېنزىم ئۇسۇلى كۆممىقوناق كراخمالىنى خام ئەشيا قىلىپ، α كراخمال ئېنزىم بىلەن ئېمۇلسىيەلەشتۈرۈپ، ئاندىن ساخارىدلاشقان ئېنزىمنى قوشۇپ گلۇكوزا ئېلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ساپلاشتۇرۇش ئارقىلىق گلۇكوزا ئېلىنىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ