تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21 -نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەر بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەر بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تۈزىتىش لايىھەسى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«تۈزىتىش لايىھەسى»دە يېتەكچى ئىدىيە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماي، كۈچلۈك ھۇجۇم ھالىتىنى ساقلاپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مۇھىم، زور دېلو، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، پەردە ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نىڭ پېيىدا بولۇپ قويۇۋەتمەي، مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، مەخسۇس كۈرەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«تۈزىتىش لايىھەسى»دە خىزمەت نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ھەم پىكىر - تەكلىپلەرگە قارىتا، تۈرمۇتۈر، ماددىمۇماددا تۈرگە ئايرىپ، پارچىلاپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈزىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە، باسقۇچلۇق ۋەزىپە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش لايىھەسى، كونكرېت تەدبىر ۋە تۈزىتىش ھېسابات دەپتىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرى تۈزىتىلسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە كەسىپنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقنى ئېتىپ، دائىملاشقان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«تۈزىتىش لايىھەسى»دە تۈزىتىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىك جەھەتتە، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ساھە تارماقلىرىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قەرەللىك تەتقىق قىلىش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مەخسۇس كۈرەش داۋامىدىكى شەكىلۋازلىقنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ئىككىنچى، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش جەھەتتە، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ۋە دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەر ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» مەسىلىسىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرىنى ئالدىن بىرتەرەپ قىلىپ، پاش قىلغۇچىلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنايەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىپ، «سىرتماق قەرز»، تور جىنايىتى قاتارلىق يېڭىچە قارا، رەزىل جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور ۋە يوشۇرۇنۇۋالغان قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ پېيىدا بولۇپ قويۇۋەتمەي، مۇھىم، زور، مۇرەككەپ، چېگىش دېلولاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى ھەقىقىي يوقىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇنىۋېرسال تۈزەش جەھەتتە، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەر ئاسان پەيدا بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، قاتناش - تىرانسپورت، پۇل مۇئامىلە، سودا بازىرى، يەر - قېزىلما بايلىق، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت ساياھىتى، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنى نۇقتىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كېسەل مەنبەسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، لايىھە تۈزۈپ چىقىش؛ ساھە تارماقلىرى بىلەن سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش - قايتما ئىنكاس قىلىش، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش، ماسلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، چوڭقۇر قېزىپ، ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇس كۈرەش داۋامىدا نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر دېلودىن ئۈچ تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈش» مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتى ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى ئۇزاق مۇددەت، چوڭقۇر گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ دېلولار ھەمدە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك دېلولىرىغا قارىتا، تەڭ قەدەمدە دېلو تۇرغۇزۇپ، تەڭ قەدەمدە تەكشۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى بىردەك ئاخىرغىچە قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ تەرتىپكە سېلىپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق ھالدا كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك بولغان «ئىككى كومىتېت» رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇش؛ كەنت كادىرلىرى سەلبىي تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تۈردە كەنت كادىرلىرىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنى ئىشىك سىرتىدا توسۇش؛ يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى بولغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. ئالتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىك جەھەتتە، ھەر دەرىجىلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ھەم ئىشخانىلىرى يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زورايتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا مەسىلىنى بايقىشى، مەسىلىنى ھەل قىلىشى؛ قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرىنى توپلاش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تەكشۈرۈش، قايتما ئىنكاس قىلىش يېپىق ھالقا مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى؛ تەشۋىقات، سەپەرۋەرلىك شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ۋە قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشقا قاتنىشىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىشى؛ ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر دېلونىڭ تارىخنىڭ سىنىقى، خەلقنىڭ سىنىقى، جەمئىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«تۈزىتىش لايىھەسى»دە خىزمەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ماسلاشتۇرۇلۇشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ بېجىرىلىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىككىنچى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەپ چىڭىتىشى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس كۈرەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزى دېلولارنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، تۈزىتىش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«تۈزىتىش لايىھەسى»دە مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئالتە چوڭ تۈردىكى 59 تۈرلۈك تۈزىتىش مەزمۇنى رەتلەپ چىقىلىپ، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش تەدبىرى، باشلامچى رەھبەر، مەسئۇل ئورۇن، مەسئۇل كىشى ۋە تۈزىتىش مۇددىتى بىرمۇبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ