تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر يەتتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ دېلو مىساللىرى ئىچىدە، بەزىلەرنىڭ قىلچە ئىنتىزام، قانۇن ئېڭى يوق بولۇپ، تەپتارتماستىن نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان، ھوشىنى تاپماي، قولىنى يىغماي، قارشى ھالدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان؛ بەزىلەر بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ ساختا تۈر تۇرغۇزۇش، ساختا، يالغان ماتېرىيال ئويدۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئازدۇرۇپ ئېلىۋالغان؛ بەزىلەردە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئېغىر بولۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، قالايمىقان ئىش قىلغان.

«بۇ مەسىلىلەر نامرات ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن چەتنىگەن، جەزمەن قەتئىي جازالاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى.

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھى يېتەرلىك بولماسلىق، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش كېرەك.» «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمەت لايىھەسى»نى ۋاراقلىساق، ئون تۈرلۈك تۈزەش مۇھىم نۇقتىسى بىر - بىرلەپ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەۋقەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى تۈزەشكە قارىتا، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تۈردىكى كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، «تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈردىكى تۈزەش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىغا «ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەكلىپنامىسى» چۈشۈرۈپ، پۈتۈن سىستېما بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، كۆزىتىپ - تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش، مەخسۇس نازارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «ساختا - يالغان شەكىلدە» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېساب - كىتاب قىلىش شەكلىدە» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلىدە» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھەرىكەتچان شەكىلدە» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاپ، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇم قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە قىلچە يول قويماي، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى دەل جايىدا نازارەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ