ليۇ شىۋېن مۇسابىقىلەشمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)
9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئولىمپىك چېمپىيونى، گۇاڭجوۋلۇق ماھىر ليۇ شىۋېن تىكتاك توپ ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، شىۋېيتسىيە ئاشكارا مۇسابىقىسى ۋە گېرمانىيە ئاشكارا مۇسابىقىسىگە بىراقلا قاتناشقانىدى، ھازىر، ئۇ دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسىدا بېيجىڭدا ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەييارلىق قىلماقتا. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ليۇ شىۋېن بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىنىڭ 2019-يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئاسپىرانتلار بويىچە چېمپىيونلار سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئۇ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى.
ليۇ شىۋېن سۆزىدە مۇنداق دېدى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، يېتەرلىك كەسپىي بىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈم كېرەك. شۇڭا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىدە ئوقۇشنى تاللاپ، بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى ئاسپىرانتلار بويىچە چېمىيونلار سىنىپىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك كوللېكتىپقا قوشۇلدۇم، بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ھەممىنى نۆلدىن باشلانغان روھىي ھالەت بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىپ، مۇسابىقە ۋە تۇرمۇشتا ئەڭ ياخشى ھالىتىمنى نامايان قىلىپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى ئەلا ئىپادەم ئارقىلىق ۋەتەنگە، جەمئىيەتكە ۋە ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمەن.
گۇاڭجوۋ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى