تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىداچياۋدىن ئۆتمۈشتىكى ۋە بۈگۈنكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈش

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لوڭ خەۋىرى) تاش- ياغاچ قۇرۇلمىلىق كۆۋرۈكتىن بېتون كۆۋرۈككىچە، زامانىۋى چوڭ كۆۋرۈكتىن مەنزىرە كۆۋرۈكىگىچە... ھازىرقى شىداچياۋ پەقەت بىر شەھەرنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، ئاللىقاچان ئۈرۈمچىنىڭ بىر گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندى.

    1958-يىلىدىن بۇرۇن، شىداچياۋ تاش- ياغاچتىن ياسالغان كۆۋرۈك بولۇپ، ئاپتوموبىللار پەقەت تاق يۆنىلىشلىك ماڭالايتتى. كۆۋرۈك ناھايىتى تار بولغاچقا، پىيادىلەر پەقەت يولنىڭ بويىنى بويلاپ ماڭاتتى، ئادەم بىلەن ئاپتوموبىل ئارىلاش ماڭاتتى، قاتناش ناھايىتى قولايسىز ئىدى. 1959-يىلى، شىداچياۋ پولات چىۋىقلىق بېتون سېمونت كۆۋرۈك بولۇپ قۇرۇلدى، كۆۋرۈك كېڭەيدى، تۆت ئاپتوموبىل تەڭ يۈرەلەيدىغان بولدى. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە پىيادىلەر يولى ياسالدى، كۆۋرۈككە يەنە يول چىرىغى ئورنىتىلدى. 1996-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 110 مېتىر، كەڭلىكى 42 مېتىر بولدى، داتلاشماس پولاتتىن نەقىش چىقىرىلغان رىشاتكا بىلەن شداچياۋ يېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى...

     2009- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى، شىداچياۋنىڭ 7-قېتىملىق ئۆزگەرتىش خىزمىتى تاماملاندى. بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا، شىداچياۋ شىمالغا 17 مېتىر كېڭەيتىلدى، قوش يۆنىلىشتە 10 ئاپتوموبىل يولى بولدى، ئىككى يېنىدىكى پىيادىلەر يولى ئەسلىدىكى بەش مېتىردىن يەتتە مېتىرغا كېڭەيتىلدى.

    شىداچياۋنىڭ نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلىشى ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر جازىسى يەنىمۇ چوڭايتىلدى، شەھەر كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، زامانىۋى خەلقئارا شەھەر قۇرۇلۇشىدا يېڭى پەللىگە قەدەم قويدى.

 ئېگىزدىن قارىغانكى شىداچياۋ (8- ئاينىڭ 20 – كۈنى تارتىلغان) شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى، پىيادىلەر، ئاپتوموبىللار شىداچىياۋدىن ئۆتمەكتە. سۇڭ شىجىڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ