تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ۋاكسىنا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتە

  2019-يىلى پەسىللىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسى ئىلمىي ئالماشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملىگۈچىلەردە تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك يۈز بېرىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  جۇڭخۇا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ۋېيجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى باشقۇرۇش ۋە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، ئاۋۋال خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەشەببۇس قىلىندى. بىز ئومۇمىي خەلققە ھەر يىلى ۋاكسىنا ئەملەپ، كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت توسۇقى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

  تارقىلىشچان زۇكام بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، ئادەتتىكى زۇكام ئەمەس. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىكى نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلسا، ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى، شوك، يامراش خاراكتېرلىك قان تومۇر ئىچىدە قان ئۇيۇشۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ھەر يىلى يېڭى قىياپەتتە، پەسىل خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى پەيدا قىلىدۇ.

  ئۇزۇندىن بۇيان، تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ كەلگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەر شارى مىقياسىدا، ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشى 650 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشگە سەۋەب بولىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئاشقان.

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى فېڭ لۇجاۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بوۋاقلار، بالىلار، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار، ياشانغانلار تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ۋاكسىنا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر، شۇڭا خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنىنى ئاۋۋال ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخى پۈتۈن جەمئىيەت تولۇق تونۇپ يەتمىدى. ھازىر جۇڭگودا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %2 كىمۇ يەتمەيدۇ. فېڭ لۇجاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەت قاتلىمىنىڭ قوللىشى ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ساغلاملىق تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا ۋاكسىنا ئەملەش سېلىنمىسىنى كۈچەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ قولايلىق، ئۈنۈملۈك بولغان ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ھازىر، ئېلىمىز بازارغا سېلىشنى تەستىقلىغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىدىن ئۈچ ۋالېنتلىق پاسسىپلاشتۇرۇلغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىلەن تۆت ۋالېنتلىق پاسسىپلاشتۇرۇلغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بار، ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئوخشاش بولمىغان زاۋۇتلارنىڭ ۋاكسىنا مەھسۇلاتلىرىنى ئەملىمەكچى بولغان كىشىلەر توپىدىكىلەر، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايسى خىل ۋاكسىنىنى ئەملىسە بولۇۋېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ