تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ شۇاڭ): 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسىنىڭ تەسكەن كەنتىدىكى خاۋشياڭ شاپتۇللۇقىغا 100دىن ئارتۇق ساياھەتچى يىغىلغانىدى، ئۇلار قارايۇلغۇن يېزىسىنىڭ شاپتۇل، قارىئۆرۈك ئۈزۈش بايرىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، مېۋە-چېۋىلەرنى تېتىپ، ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.
قارايۇلغۇن يېزىسى يەنە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئەتىيازدا گۈلدىن ھوزۇرلىنىش، يازدا سالقىنداش، كۈزدە مېۋە ئۈزۈش، قىشتا قار تاماشا قىلىش»تەك ئىستىراھەت ساياھەت بازىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، تاماشا قىلىش، سەيلە قىلىش، دەم ئېلىش، مېۋە-چىۋە ئۈزۈش ۋە دېھقانلار ئارامگاھى بىر گەۋدە قىلىنغان شەھەر ئەتراپى خاس ئىستىراھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى قارايۇلغۇن يېزىسىغا باشلاپ كەلدى.