تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ خەۋىرى): «مۇزىكا تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، بۇ تاشيولدا ھەر كۈنى 800 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بار بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق.» 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن كەيگاڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  مۇزىكا تاشيولى مورى تېغى ساياھەت تاشيولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، بۇ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى مۇزىكىلىق تاشيول، تاشيول ئەتراپىدا يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ۋوگزال، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بار. مۇزىكا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشى بىلەنلا توردىكى«قىززىق يول»بولۇپ قالدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىپ، «قاتناش + ساياھەت »نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «قاتناش + ساياھەت»نى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى، بۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون مۇلازىمەت رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەم ئۆزگەرتتى، يەنە نۇقتىلىق ھالدا G217 لىنىيەسىدە مايتاغ-كۇچا ساياھەت تاشيولى ياساش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كۆچمە چىقىم قىلىش بىلەن تولۇق قاپلىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئىشقا ئاشۇردى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغ- كۇچا يولى بۆلىكىدىكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن بۇيان، مايتاغ - كۇچا تاشيولى تېخىمۇ راۋان بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا تېخىمۇ ماس كەلگەن، بۇ يول بۆلىكىدە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار كۈنسېرى كۆپىيىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون مىڭغا يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىنوڭ مۇنداق دېدى:«بۇنىڭدىن كېيىن قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى <قۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىش>تىن<قۇرۇلۇش مۇلازىمىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش> كە ئۆزگەرتىپ ، قاتناش ـ تىرانسپورت تۈرى قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ETC (ئاپتوموبىل توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى) نى قوللىنىش، تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتناش بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز».

  خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، ھەر قايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىر تەرەپتىن ئايروپىلاننىڭ كىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ رايونىدىكى توشۇش كۈچىنى زورايتتى؛ بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئايلانما ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بەردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 16 مىليون 286 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۆمۈريولنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، پويىز گەۋدىسىنى يېڭىلاش، پويىزنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پويىزدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تۆمۈريولىدا 29 مىليون 780 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى.

  «قاتناش + ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 75 مىليون 893 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ