تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 10 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ، بۇ يول بۆلەكلىرىدىكى ئاھالىلەر زاپاس سۇ ساقلاشقا دىققەت قىلىڭلار.
9- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) جۇڭيا جەنۇبىي يولى DN600mm تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 10 دىن 9- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 10 غىچە، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ يول بۆلىكىدە سۇنى توختىتىدىكەن.
بۇ ۋاقىتتا، جۇڭيا چوڭ يولى، خېنەن غەربىي يولى، يىڭبىن غەربىي يولى، ئالتاي يولى (جىڭفېڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىن خېنەن غەربىي يولىغىچە بولغان يول بۆلەكلىرى) بويىدىكى ئاھالىلەر بۇ قېتىملىق سۇ توختاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.
ئاھالىلەرنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن زاپاس سۇ ساقلاش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئەسكەرتىمىز. تېمپېراتۇرا ئۆزگەرسە ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىدىكەن.