تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئۆستى

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە «ئۇزاق» ۋە «دائىم» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى

ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئۆستى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرى، باج تارماقلىرىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كەسپىنى بېجىرىشتە نۇرغۇن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلەتتى، يەنە ھېساباتنى تەكشۈرەتتى، پۈتۈن جەريانغا 20 خىزمەت كۈنىگە يېقىن ۋاقىت كېتەتتى.» يېقىندا، ئۈرۈمچى جىندۈن يۇڭئەن سۈرەت - يېزىق تەھرىرلەش مەركىزىنىڭ مالىيە خادىمى لى شياۋمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھازىر باج تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت دەرىجىسى ئۆستى، پەقەت ئون مىنۇتتىلا رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كەسپىنى بېجىرىپ بولغىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بوپتۇ».

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى كارخانىلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كەسپىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ كارخانىلارنىڭ باجنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، باج ئېنىقلاش ئىسپاتىنى كەچۈرۈم قىلىش، دەرھال بېجىرىپ بېرىش مۇلازىمىتى، «ۋەدە تۈزۈمى»دىكى كەم ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ بېجىرىش، ماتېرىياللارنى ۋە جەرياننى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تەرتىپلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، دەرھال بېجىرىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بېجىرىش جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئازايتىپ، كارخانىلارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، باج يىغىش خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۈچەپ «ئۇزاق» ۋە «دائىم» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى. تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېقىن مەزگىللىك، ئوتتۇرا مەزگىللىك، ئۇزاق مەزگىللىك تۈزىتىش نىشانىنى تۈزۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خىزمەتتىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتتى ھەم تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، نەتىجە - ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاش، كۆزىتىش - نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىشنى قويۇۋەتمەي، مەسىلىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باج تاپشۇرغۇچىلار بىلەن ھەق تاپشۇرغۇچىلارغا بولغان مۇلازىمەتنىڭ ئەتراپلىق بولماسلىق مەسىلىسىنى تۈزەش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئۇدا ئالتىنچى يىلى خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج بېجىرىش كۆرسەتمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» تىزىملىكىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

دىققەتنى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى سەككىز ساھەدىكى 3193 كارخانىغا قارىتا بىرگە بىر مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ دىققەتنى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى خەلققە قولاي باج بېجىرىش تەدبىرىدىن 187نى يولغا قويدى؛ دىققەتنى ئايرىم باج تاپشۇرغۇچىلار ئىنكاس قىلغان ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قالايمىقان ھەق يىغىش قىلمىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى مەخسۇس تۈر بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 11 مىڭ 900 ئائىلىلىك باج تاپشۇرغۇچىغا ياردەملىشىپ، 3 مىليون 320 مىڭ يۈەن قايتۇرۇلغان ھەقنى بېجىرىپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىلقى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئۈستىدە سۆز بولغاندا، نۇرغۇن كارخانا ئىگىلىرى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەقىقەتەنمۇ دەل ۋاقتىدا بولدى، بىزگە ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، بىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، كارخانىنى ياخشى باشقۇرۇشتىكى غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى، دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ