9-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، 1997- يىلى تۇغۇلغان ياشتىكىلەر بويىچە جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى خۇبېينىڭ خۇاڭشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە 2:0 نەتىجىدە ۋيېتنام كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
9- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى لىن لياڭمىڭنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 1:1 نەتىجىدە چاۋشيەن كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن، خۇاڭشىدىكى ئىككى مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان يېڭىلىپ قالدى.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى