تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغانلار كۈز پەسىلدە كۈتۈنىدىغان تۆت ئالتۇن ۋاقىت

«كۈز پەسلى كۈتۈنۈشنىڭ ئالتۇن پەسلى» دەيدىغان گەپ بار. 9- ئاي كىرىشى بىلەن، كۈتۈنۈش قىزىق تېمىغا ئايلىنىدۇ. ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەن ساپاسى كۈندىن-كۈنگە چېكىنىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشنىڭ تۆت مۇھىم ۋاقتى بار، بۇ تۆت ئالتۇن ۋاقىت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ تۆت مۇھىم ئالتۇن ۋاقىتتىن قانداق ئىلمىي پايدىلىنىش كېرەك؟

سەيلە قىلىش: تاماقتىن بىر سائەت كېيىن

ياشانغانلار تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان، ئۈچەي ھەرىكىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، لېكىن تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئارام ئېلىپ، ئاندىن سەيلە قىلىش كېرەك. سەيلە قىلىشتىن ئىلگىرى ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن بەدەننى قىزىتىش كېرەك، مەسىلەن، پۇت-قولنى ئۇۋۇلاپ، پەي سوزۇش قاتارلىقلار.

پۇت چىلاش: كەچ سائەت توققۇزدا

كەچ سائەت توققۇزدا پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر كۈن جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تولۇق ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ.

يۇيۇنۇش: ئۇخلاشتىن 90 مىنۇت ئىلگىرى

يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن 150 مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش كېرەك، چۈنكى ياشانغانلار يۇيۇنغاندا ئاسانلا تەرلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاندىكى سۇ كۆپ مىقداردا خوراپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يۇيۇنۇش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى مۇنچىنىڭ ئىچى دىمىق بولىدۇ، ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، مېڭە توقۇلمىسىغا ئوكسىگېن ۋە قان يېتىشمەي، يۈرەك سانجىقى، مېڭىگە قان چۈشۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

چىش چوتكىلاش: تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن

نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلىسا، چىش ساغلاملىقىغا زىيانلىق، چىش تاجىسىنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت ئېمال ماددىسى بولىدۇ، تاماقتىن كېيىنلا چىش چوتكىلىسا، چىش تاجىسىنىڭ ئېماللىق قەۋىتى بوشاپ كېتىدۇ.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ