خەلق تورى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (خاۋ شۇەي): بېيجىڭ ۋاقتى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە، 2019- يىللىق ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 17- ئورۇندىن 32- ئورۇنغىچە بولغان رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 86:73 نەتىجىدە نىگېرىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى ھەمدە ئىران كوماندىسىدىن بىر نومۇر تۆۋەن بولۇشتەك نەتىجىدە، مۇشۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى.
بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن يەتتىسى بارلىققا كېلىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسى بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلاردىن بىرىنچى بولغان كوماندا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئالدىنقى ئىككى ئورۇندىكى كوماندا توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانا كوماندىسى بولغان ياپونىيە كوماندىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ.
جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئىران كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئىككى ئاسىيا كوماندىسى بولۇپ، ئىككى كوماندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدىغان بىر سالاھىيەتنى تالىشاتتى، جۇڭگو كوماندىسى نىگېرىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن، بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىككى مەيدان يېڭىپ، ئۈچ مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجىدە، M گۇرۇپپا بويىچە ئىككىنچى بولدى. ئىران كوماندىسىمۇ ئىككى مەيدان يېڭىپ، ئۈچ مەيدان يېڭىلدى. جۇڭگو كوماندىسى ساپ غەلىبە نومۇرى جەھەتتە ئىران كوماندىسىنىڭ كەينىدە قېلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ساپ غەلىبە نومۇرى مىنۇس ئون نومۇر، ئىران كوماندىسىنىڭ يەتتە نومۇر بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ساپ غەلىبە نومۇرى ئىران كوماندىسىنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ئىران كوماندىسى بۇ قېتىمقى ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ پەقەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت بىرلا يولى قالدى.