تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، مۇخبىر كۇچا ناھىيەسى ئىشخلا بازىرى تۆۋەنكى بىچاق كەنتىدىكى ئەنجۈرلۈكتە كۆز يەتكۈسىز باغدىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە ئەنجۈرلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەنجۈر ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىنى كۆردى.
كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئائىلە زىيارىتى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئەنجۈرچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنت بويىچە 120 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى 220 مو يەردە ئەنجۈر ئۆستۈردى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ماھىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن بىرگەبىر يېتەكلىدى، تەربىيەلىدى.
«نۆۋەتتە، ئائىلىمىزنىڭ ئىككى مو ئەنجۈرلۈكىدىن 1-تۈركۈمدە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت» دېدى نامرات ئاھالە ئابدۇرېھىم كېرەم خۇشال ھالدا.
ھازىر دەل ئەنجۈردىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، خىزمەت ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا، دوۋيىن، ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلىپ، سېتىشىپ بەردى ھەمدە بەش دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن شاڭ جۈنلىن، فەن يايۈن تەمىنلىگەن)