تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى سەككىز ئايدا يېڭىدىن 58 مىڭ 600 كىشى ئىگىلىك تىكلەپ، 115 مىڭ 100 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئىلغار ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، تۈرنىڭ داڭقىنى ئاشۇردۇم، بۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىگىلىك تىكلىشىمگە بەك پايدىسى بار» دېدى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى كورلا رىچاڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاڭ چى.

يېقىندا، تاڭ چى شىركەتنىڭ يىلىغا 3 مىليون توننا يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان، ماشىنىدا ئىشلىنىدىغان سۆڭەك ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىپ، 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش گۇرۇپپىسى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىمىز قۇرۇلۇۋاتىدۇ، كېلەر يىلى 6- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە، شۇ ۋاقىتتا شۇ جايدىكى 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى تاڭ چى.

«ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ياخشى ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتىنى يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى ئىدارىسى ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى ۋىلايەت، ئوبلاست سەپىرى، مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەشىق لاگېرى قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش پائالىيەتلىرىنى سىجىل قانات يايدۇردى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماھىرلارنى تىزىملىتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 1041 تۈر، 1116 ماھىر تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇلار ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، مەدەنىيەت تاراتقۇسى، سودا ئوبوروتى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، بىيودورىگەرلىك قاتارلىق كۆپلىگەن كەسىپ، ساھەنى قاپلىدى.

بۇ يىلقى مۇسابىقىدە، جەمئىي 16 كىشى 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپات ھەم غەلىبە قىلىش مۇكاپاتى بويىچە باھالاپ چىقىلدى، بەلگىلىمە بويىچە، مۇسابىقىدە مۇكاپاتلانغان ماھىرلار نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنى بۇلارلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ چېنىقىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ئۆستى. مۇسابىقىدە، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى كونكرېت ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە قارىتا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بىرمۇبىر يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇسابىقە يەنە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدىكى جەمئىيەت بايلىقىنى دىققىتىنى ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىگە ئاغدۇرۇشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە، جەمئىي 22 ئىگىلىك تىكلەش تۈرى تۈرلۈك جەمئىيەت بايلىقى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.

«ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى تۈرىمىزنىڭ ئۈزۈپ چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.» ئۈرۈمچى جيۇيى مىڭيۈن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ چاڭدو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، شىركىتىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بولغان «1000 رايوندا 10 مىڭ دۇكان 100 مېتىردا پارچە سېتىش تۈرى» ئاپتونوم رايوننىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، شىنجاڭ - شاڭخەي پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىغا ماكانلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئىجارىسى كېمەيتىپ كەچۈرۈم قىلىندى، ئالاقىدار تارماقلار يەنە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تۈرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، شىركەت ئۈرۈمچى شەھىرىدە 110 نەچچە دۇكان ئېچىپ، 200 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. «بىز ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 500 دۇكان ئېچىشنى ھەم تەدرىجىي باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق» دېدى جوۋ چاڭدو.

بۇ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلانغان 73 تۈر ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىلدۈرۈش بازىسىغا ماكانلاشتى، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى مەيدان ئىجارىسىنى كېمەيتىپ كەچۈرۈم قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ھەم ياردەم ئۆسۈم قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى ئىتتىپاقى يەنە مۇكاپاتلانغان ماھىرلارنى سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تۈر ئېچىش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، تىجارەت باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە ئىز قوغلاپ يۆلەش قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەتلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.

ياخشى ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى، ئاكتىپ ئىگىلىك تىكلەش يۆلەش سىياسىتى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرقەدەر ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈم ئېففېكتى ۋە جەمئىيەت ئۈنۈم ئېففېكتى ھاسىل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېڭىدىن 58 مىڭ 600 كىشى ئىگىلىك تىكلەپ، 115 مىڭ 100 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 30 مىڭ كىشى ئىگىلىك تىكلەش نىشان - ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ