تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى − دۇڭ بىۋۇ

دۇڭ بىۋۇنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 8- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ خەيبو) 8- ئايدىكى خۇبېينىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ئادەمنى كۆيدۈرگۈدەك ئىسسىق ئىدى. لېكىن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇڭئەن ناھىيەسىدىكى خۇاڭما قوزغىلىڭى ۋە خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى دۇڭ بىۋۇ خاتىرە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چۈشەندۈرۈۋاتقان چېڭ شىڭ مۇخبىرغا بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئىكەنلىكىنى، بۇ يازلىق تەتىلدە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلىلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى بۇ يەرگە كېلىپ قىزىل تەربىيە ۋە پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللىگەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇڭ بىۋۇ، 1886- يىلى تۇغۇلغان، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇڭئەن ناھىيەسىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. 1911- يىلى شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو تۇڭمېڭخۇي جەمئىيىتىگە كىرگەن. 1914- يىلى ياپونىيە دۇڭجىڭدىكى «خۇسۇسىي ياپونىيە داشۆسى»گە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ قانۇن ئۆگەنگەن، ياپونىيەدە سۈن جۇڭشەن قۇرغان جۇڭخۇا گېمىڭداڭ پارتىيەسىگە كىرگەن. 1915- يىلى 6- ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.

1919- يىلى دۇڭ بىۋۇ شاڭخەيدە 4- ماي ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن ۋۇخەن ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرۇپ، دۆلەت يېزىقىدىن دەرس بەرگەن. 1920- يىلى كۈزدە ۋۇخەن كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1921- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، ۋۇخەن كوممۇنىستىك پارتىيەسى دەسلەپكى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بولغان. ئارقىدىن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشقان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋۇخەن رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان.

دۇڭ بىۋۇ 1934- يىلى 10- ئايدا ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. شىمالىي شەنشىگە بارغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گومىنداڭ بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان. 1945- يىلى ئازاد رايونلارغا ۋاكالىتەن سان فىرانسىسكوغا بېرىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىغا قاتناشقان. ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جەنۇب بىيۇروسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چۇڭچىڭ خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مالىيە - ئىقتىساد مىنىستىرى بولغان، شىمالىي جۇڭگو بىيۇروسىنىڭ شۇجىسى بولغان، شىمالىي جۇڭگو خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۇڭ بىۋۇ مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەت كومىتېتى شەرقىي جۇڭگو خىزمەت ئۆمىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نەنجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك جاپالىق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغان. چاخارنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا چۇما پەيدا بولغان ھەم تېز يامرىغان، دۇڭ بىۋۇ دەرھال جىددىي يىغىن ئېچىپ، مەركەز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى قۇرۇپ، داۋالاش خادىملىرىنى تەشكىللەپ يۇقۇم رايونىغا بېرىپ، يۇقۇمنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يامرىشىنىڭ تېزدىن ئالدىنى ئالغان. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىشى بىلەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ھەممىلا جايغا تارقالغان. دۇڭ بىۋۇ مەركەز ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، كەڭ خەلقنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەت مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بولغان ۋە قاتناش قولايسىز بولغان ئەھۋالدا، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىرادىسىنى تۇرغۇزغان.

دۇڭ بىۋۇ ھامان ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ بىلەتتى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ «قېرى كالىسى» دەپ ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «بىزنىڭ پارتىيەمىز ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئەگەر ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا، يەنە كومپارتىيە تەشكىللەپ نېمە قىلىمىز؟» ئۇ مۇنداق نەزم ئوقۇغان: «ئىنقىلاب ئەسلىدىنلا شەخس ئۈچۈن ئەمەس، ئاممىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قوللىماق كېرەك.» ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوستلىرىغىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇلارنى دۇرۇس ئادەم بولۇشقا، تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىشقا تەربىيەلەيتتى، ھەرقانداق ئالاھىدە ھەرىكىتىنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايتتى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇرتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوستلىرى ئۇنى بېيجىڭدا «چوڭ ئەمەلدار» بولدى دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ خىزمەت، ئۆرلەپ ئوقۇش ھەمدە تىراكتور، پولات ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. دۇڭ بىۋۇ بىردەك رەت قىلغان ھەم ئۇلارغا مۇنداق سەمىمىي تەربىيە بەرگەن: «مەن پارتىيەنىڭ تاپشۇرۇقىنى، خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت رەھبىرى بولدۇم، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈشنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن، شۇنداقلا قوغدىغۇچىلىرىدىن بولدۇم، ھەرگىزمۇ خىزمەت ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمغا ماددىي ئەشيالارنى تەستىقلاپ بەرسەم بولمايدۇ»؛ «ئىنقىلاب ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈن ئەمەس».

1975- يىلى، دۇڭ بىۋۇ بېيجىڭدا ۋاپات بولدى. يې جيەنيىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «يولداش دۇڭ بىۋۇ بىر ئۆمۈر ياخشى ئىش قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى بولۇشقا مۇناسىپ!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ