تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەسنىگەندە ئېڭەك چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك

تېببىي يېتەكچى/گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن دېشيۇڭ، ۋىراچى لو ۋېنيۈەن

ئەسنىگەندىمۇ ئېڭەك چۈشۈپ كېتىدۇ. خاتا ئاڭلىمىدىڭىز، بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، قاتتىق ئەسنىگەندىلا ئەمەس، يەنە قاتتىق كۈلگەندىمۇ ئېغىزنى زىيادە چوڭ ئاچقانلىقتىن ئېڭەك چۈشۈپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئېڭەك چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن دېشيۇڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

1. ئادەتتە چىش ئىشلىتىش ۋە چايناش ئادىتىگە دىققەت قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت بىر تەرەپتىكى چىش بىلەنلا چايناشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر تەرەپ بوغۇمى زىيادە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

2. بىر نەرسە يېگەندە ياكى قاقاقلاپ كۈلگەندە، ئېغىزنى بەك چوڭ ئاچماسلىق، بەك كۈچەپ كەتمەسلىك؛

3. قاتتىق نەرسىلەرنى يېگەندە ئىمكانقەدەر ئالدى بىلەن سايمانلاردىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىش؛

4. كېچىدە ئۇخلىغاندا چىش غۇچۇرلىتىش ئادىتى بار كىشىلەر  ئەڭ ياخشىسى كېچىلىك جاغ سېلىنچىسىنى تاقاش؛

5. چىشلەش ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلار ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ چىشىنى تۈزلىتىش، يۇقىرى - تۆۋەن چىشنىڭ چىشلەش جەريانىدا پەيدا بولغان جاراھەتنى ئازايتىپ، چېكە ۋە ئاستىنقى ئېڭەك بوغۇمى كېسەللىكى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېڭەڭ چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى لو ۋېنيۈەن كىشىلەرگە شۇنى ئالاھدە ئەسكەرتىدۇ: بۇنداق ۋاقىتتا ھودۇقۇپ كەتمەسلىك،ھەم چۈشۈپ كەتكەن ئېڭەكنى ئۆزى جايىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماي، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئېڭەك چۈشۈپ كېتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولغانسېرى ئورنىغا چۈشۈرۈش شۇنچە قىيىن بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا ئورنىغا چۈشۈرمىسە، كېيىن ئورنىغا چۈشۈرۈش تەسكە توختايدۇ، ھەتتا ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلگىرى ئېڭىكى چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى، ئادەتتە ئېغىزنى بەك چوڭ ئاچماسلىقى، ئېغىزدا بەك كۈچەپ كەتمەسلىكى كېرەك. (گۇاڭجوۋ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋېڭ شۇشيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر بەي تيەن، جۇ جىسېن، خۇاڭ سۈييۆ )

گۇاڭجوۋ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ