تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى تىيانشان رايونى مېيىپلار بىرلەشمىسى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىرىدىن كەلگەن 14 ۋەكىللەر ئەترىتى ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتەك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھى ۋە بەختلىك پېنسىيە تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى.