تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بىر يانفون بىلەنلا لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا خەۋىرى): «بىز توردىن ئىشىك بېلىتى سېتىۋېلىش، خاتىرە بۇيۇمى سېتىۋېلىش، رايونلار ئارا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش، تاماق يېيىشنىڭ ھەممىسىگە ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلاپ چىقىم قىلدۇق، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق يېتەكلەش سىستېمىسى، ھەربىرەيلەن ناھايىتى ئېنىق ئاڭلاپ، لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خېلى كۆپ چۈشەندۇق.» 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، جياڭسۇلۇق ساياھەتچى شۈ جياشىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىكى مەنزىرە رايونىدا نەق پۇلسىز سودىنىڭ قولايلىقلىقىنى ھېس قىلدى.

    لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى بۇ يىل ساياھەت مۇلازىمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يىلى قىلىپ بېكىتىپ، يۇمشاق دېتالنى سىجىل ئېچىش ئارقىلىق ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. پۈتۈن مەنزىرە رايونىدا نەق پۇلسىز سودىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىشىغا قولايلىق ياراتتى، يەنە ئاقىل ساياھەت سۇپىسى ئېچىلدى، بۇ ئېلېكتىرونلۇق ئىشىك بېلىتى، دەرۋازا ساقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق يېتەكلەش سىستېمىسى ۋە ئاقىل ساياھەت تاراتقۇ سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، توردىن بېلەت سېتىۋېلىش، ئىككىلىك كودلۇق بېلەت تەكشۈرۈش، ئىككىلىك كودلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈش، ئۈندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق ئىقتىدارلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىر يانفوندا مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    ھازىرغىچە، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىغا جەمئىي 18 مىلىيون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ مەنزىرە رايوننى ئۆزگەرتىش ۋە تۈر جەلپ قىلىشقا ئىشلىتىلدى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كۆكەرتىش كۆلىمى تەخمىنەن 2100 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان قۇملۇق بوستانلىقىغا يېڭى يېشىللىق قوشۇلدى؛ مەنزىرە رايونىدىكى تۆت ساياھەت ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بىر كۆچمە ھاجەتخانا ئورنىتىلىۋاتىدۇ؛ ئارىلىق ئاپتوموبىلىدىن 20نى سېتىۋېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا تېز سۈرئەتتە كىرىپ-چىقىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق پاڭبادى دالا ئاپتوموبىلى، قۇم بارخاندىن تېيىلىش، سوقۇلما توپ، قۇملۇق تۆگە ئەترىتى قاتارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۈرلىرى كىرگۈزۈلدى. مەنزىرە رايونىدىكى دۇكانلارغا خېرىدار چاقىرىشنى يولغا قويۇپ، يوۋكۇ ھامبۇرۇگ بولكىسى دۇكىنى، لوپنۇرلۇقلار ئاشخانىسى، مىنسۇ مېھمانسارىيى قاتارلىق تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت تاۋارلىرى، خاتىرە بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش تاللاشلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

    كۈز پەسلىدە، ئالتۇن رەڭگە پۈركەنگەن توغراق ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدىكى «ياتاق-تاماق قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى گۈزەل يېزا -كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، داشى كەنتىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، يول ياساپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇردى، پۈتۈن كوچىنى ساياھەت مەنزىرىسى كوچىسى قىلىپ قۇرۇپ، ئۇنىڭغا «داشى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى»دەپ نام بېرىپ،  دېھقانلار ئارامگاھى، مەنزىرە باغچىسى، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىدىن 40 نەچچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھىدىن 12سى، ۋىۋىسكا ئېسىلغان پۇقراۋى قونالغۇدىن 9ى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئاددىي، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى زىيارەت قىلدۇرۇدى، مىڭ يىللىق تارىخقا ۋارىسلىق قىلغان لوپنۇرلۇقلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ، لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە كەچلىك بازارلىرىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى تېتىتىپ كۆردى.

                                                                                                                                                    

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ