تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشتا جۇڭگو دېگىنىنى قىلدى

جۇڭ شېڭ

ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى قوزغاپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خەلقئارا قانۇنچىللىق ۋە خەلقئارا سودا تەرتىپىنى بۇزدى. كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغىنى شۇكى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە پۈتۈنلەي ئېتىبارسىز قارىغان بۇ كىشىلەر توختىماي ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى بۇزىدىغان پاسكىنا سۇنى جۇڭگوغا چاچتى. ئەمەلىيەت ئەڭ ياخشى پاكىت، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەت، ھەتتا ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دائىرىدە تەنقىد قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ ۋاھالەنكى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللايدىغان، يەككە تەرەپچىللىككە ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدىغان جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇنچىللىقنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى ۋە قۇرغۇچىسى.

جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە بەرگەن ۋەدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلدى، بۇ، ھەرقانداق ئادەم ئىنكار قىلالمايدىغان پاكىت. 2001- يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئەركىن سودا ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بازارنى زور كۆلەمدە ئېچىۋېتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋەدىسى ۋە ئاشكارىلاش دەرىجىسى مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلارغا ئەمەل قىلىپ، ھەقىقىي چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. 2010- يىلىغىچە، جۇڭگو مال بېجىنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىشنى تاماملىدى، تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى 2001- يىلىدىكى %15.3تىن %9.8كە تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.2كە تۆۋەنلەپ، تەرەققىي قىلغان ئەزالارنىڭ %39لىك ئوتتۇرىچە تاموژنا بېجى سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئۆز ئالدىغا كېڭەيتىپ، 2018- يىلى تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى %7.5كە تۆۋەنلەتتى، چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سېلىنما كۆلىمى 1992- يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 26 يىل تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈردى.

جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ ۋە قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، سودا سىياسىتىنى قاراپ چىقىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە سىڭىپ كىرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، يەككە تەرەپچىللىككە ۋە قورۇقچىلىققا قەتئىي قارشى تۇردى... ئەمەلىي ھەرىكەتلەر جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىدىغان، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدىغان توختام روھىنى نامايان قىلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازېۋېدو مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى رولى كۈنسېرى كۈچەيدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىش جەھەتتە، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئازراق بولسىمۇ ئۆزىنى سورىشى كېرەك ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىمىدە ئامېرىكا ئەرز قىلىنغان دېلو 154 بولۇپ، 53 دېلودا ئىجرا قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قوشما ئىشتات قانۇنى ياكى ئىشتات قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چېتىلىدىغان 11 دېلودا ئامېرىكىنىڭ ئىجرا قىلماسلىق نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتكەن. نۇرغۇن پاكىت شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئامېرىكا تەرەپ ئەزەلدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىنى خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.

مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر خەلقئارا قائىدىگە ئىزچىل مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. روشەنكى، ئۇلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان ھەم ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغاندىن كۆرە، رېئاللىققا يۈزلىنىپ، توغرا يولغا قايتىپ مەسىلىنى پۇختا ھەل قىلغىنى ئەلا. كىشىنى بىلگۈچى ئاقىل، ئۆزىنى بىلگۈچى دانادۇر. جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش جەھەتتە ئىزچىل دېگىنىنى قىلىپ كەلگەنلىكىگە سېلىشتۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر تېخىمۇ ئۆزى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

(2019- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ