يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن 3D فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن قويۇلدى، كىچىك دوستلارمۇ ناھايىتى ياخشى كۆردى، لېكىن بالىلار 3D فىلىملىرىنى زادى كۆرسە بولامدۇ-بولمامدۇ ؟ قانچە ياشلىق بالىلار 3D فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ماس كېلىدۇ؟ كىنو كۆرۈش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق؟
3D كۆزەينىكى بەلگىلىك دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ياكى ئالاھىدە رەڭدىكى نۇرنى سۈزۈش ئارقىلىق ئۈستمۇ-ئۈست چۈشكەن كۆرۈنۈشنى ئايرىپ، ئوڭ-سول كۆزىمىزگە ئوخشاش بولمىغان ئىككى پارچە مەنزىرە چوڭقۇرلۇقى كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ، ئاندىن فىلىم كۆرگۈچىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئىستېرېئولۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ. ئىككى پارچە كۆرۈنۈشنىڭ يىراق-يېقىنلىق پەرقى بولغاچقا، بۇ مەلۇم دەرىجىدە كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا، 3D فىلىمىنى كۆرگەندە، تاماشىبىنلار ۋەقەلىككە مەپتۇن بولۇپ، دىققىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزنى چىمچىقلىتىش قېتىم سانى ئازلايدۇ. بەزى ھەرىكەتلىك فىلىملەردە فىلىم كۆرۈنۈشى يەنە كۈچلۈك سەزگۈ ئەزالارنى غىدىقلايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، فىلىم كۆرگۈچىلەر ئاسانلا چارچايدۇ، ھەتتا بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق كۆرۈشتىن كېلىپ چىققان چارچاش ياكى بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ، كۆزگە نىسبەتەن ئورگانىك خاراكتېرلىك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، چۈنكى فىلىم كۆرۈش ۋاقتى ئادەتتە قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالدىنقى شەرتى كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۆزىدە كۆز كېسەللىكى يوق بولۇشى كېرەك.
ئەمما كۆرۈش قۇۋۋىتى تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 3D فىلىملىرىنى ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بالىلارنىڭ كۆزىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ، كىرپىكسىمان مۇسكۇلدا داۋاملىق قىسقىراش ھالىتى كۆرۈلىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت 3D فىلىملىرىنى كۆرگەندە، كۆزى تېخىمۇ ئاسان چارچايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت مۇشۇنداق بولغاندا، بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت كۆز چارچاش كۆپ ھاللاردا كۆزنى توختىماي چىمچىقلىتىش ھەتتا ساختا خاراكتېرلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا، 3D فىلىمىنى كۆرگەندە بىئاراملىق تۇيغۇسى بار كىشىلەر ئامال بار ئارقا رەتتىكى ئورۇننى تاللىسا بولىدۇ، بۇ مەلۇم دەرىجىدە كۆزنىڭ چارچاش دەرىجىسىنى يېنىكلىتىدۇ. چۈنكى، كۆرگەن نەرسە قانچە يېقىن بولسا، كىرپىكسىمان مۇسكۇل شۇنچە تارىيىپ، كرىستالسىمان تەنچىنى چوڭايتىۋېتىپ، بۇنىڭ بىلەن فوكۇس نۇقتىسى يېقىنلىشىدۇ، كۆز ئارىلىقى قانچە يېقىن بولسا، كۆز ئاسانلا چارچايدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، بولۇپمۇ كۆزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇشى نورمال بولمىغان، ئالىغاي، كۆز ئالمىسى تىترەيدىغان، كۆز ئالمىسى ھەرىكەت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان، كۆز يۈگۈرتۈش ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش قاتارلىق مەسىلىسى بار بالىلار ئەڭ ياخشىسى 3D فىلىمىنى كۆرمەسلىكى كېرەك. يېشى چوڭراق بالىلار بولسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى كىنو كۆرۈش ۋاقتىنى 40 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش، 3D فىلىمىنى كۆرۈش جەريانىدا، ھەر يېرىم سائەتتە كۆزنى يۇمۇپ بىردەم ئارام ئېلىش، ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باشقا تېلېۋېزور ئېكرانى بىلەن ئۇچراشماسلىق، يىراقنى كۆرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆز چارچاشنى پەسەيتىش كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى