تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جياڭ گۇاڭنەي: «بىر غېرىچ يەر، ئالقانچىلىك ئوت - چۆپتىنمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ»

جياڭ گۇاڭنەينىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت).شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 8- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇاڭ خاۋيۈەن) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرى خۇمېن بازىرىنىڭ نەنشەن كەنتى سەنجياڭ تەبىئىي كەنتىدە، شەكلى كۆركەم غەربچە داچا شەكىللىك باغ - ئورمانلىق بىر ئىمارەت بار، باغدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر بۈك - باراقسان بولۇپ، تومۇز ئىسسىق بولىدىغان ياز مەزگىلىدە تېپىلغۇسىز سالقىن بولىدۇ. بۇ جاي دەل تاشقى دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئەلنى قەلبىگە پۈككەن ۋەتەنپەرۋەر قوماندان جياڭ گۇاڭنەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى. جياڭ گۇاڭنەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ مەسئۇلى جۇڭ ۋېيفېڭ مۇنداق دېدى: جياڭ گۇاڭنەي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىشىدىكى قەھرىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن يەر شارىدىكى خۇارېنلار ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ۋە غايەت زور تەسىر كۈچكە ئىگە، ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى بىزنىڭ ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ۋە ياد ئېتىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

جياڭ گۇاڭنەي، تەخەللۇسى جىڭ رەن، 1888- يىلى 12- ئايدا گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندە تۇغۇلغان. 1906- يىلى ئۇ خۇاڭپۇ گۇاڭدۇڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، تۇڭمېڭخۇيگە قاتنىشىپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇشقا ئىرادە باغلىغان. شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئۇ چېن مىڭشۇ، لى جاڭدا قاتارلىقلار بىلەن بىللە ۋۇچاڭغا بېرىپ، خۇاڭ شىڭنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە قوشۇلغان. ئارقىدىنلا ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنىڭ پىدائىيلار ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ، خەنكوۋ لۇڭۋاڭمياۋدا قۇرۇقلۇققا چىقىش ۋە خەنكوۋنى قايتۇرۇۋېلىش جېڭىگە قاتناشقان. 1912- يىلى ھەربىي تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، باۋدىڭ ھەربىي مەكتىپىگە تاللاپ ئەۋەتىلگەن. كېيىنكى يىلى «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» پارتلىغان، جياڭ گۇاڭنەي لى ليېجۈن رەھبەرلىكىدىكى خۇكۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيەگە بېرىپ، خۇاڭ شىڭ مەسئۇل بولۇپ ئاچقان ھەربىي تەلىم - تەربىيە كۇرسى «خاۋرەنلۇ»دا ئوقۇپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى بىلەن تونۇشقان، كېيىن سۈن جۇڭشەن ئەپەندىگە ئىزچىل ئەگىشىپ يېنىدا تۇرغان.

سۈن جۇڭشەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جياڭ گۇاڭنەي ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرققە يۈرۈش قىلىش، شىمالغا يۈرۈش قىلىشتا كۆپ قېتىم قالتىس تۆھپە كۆرسەتكەن. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 4- جۈنى ئارقا - ئارقىدىن جەڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «پولات قوشۇن» دەپ تەرىپلەنگەن. كېيىن ئۇ تۇرۇشلۇق قىسىم 19- يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلىپ، جياڭ گۇاڭنەي پۈتۈن ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولغان.

جياڭ گۇاڭنەي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ھەربىي بولۇپلا قالماي، يەنە ئەلنى قەلبىگە پۈككەن ۋەتەنپەرۋەر قوماندان. ئۇنىڭ قارىشىچە، جەڭ قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن ئۇرۇشتا كىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنىڭ بار - يوقلۇقى تېخىمۇ مۇھىم ئىدى. ئۇ بىر ئۆمۈر بىر ئېتىقادتا چىڭ تۇرغان، ئۇ بولسىمۇ تاشقى دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىدى. جياڭ جيېشى «چەت ئەل زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشتا، جەزمەن ئالدى بىلەن ئىچكى قىسىمنى تىنچلاندۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىۋاتقان كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە قاراتقان، بۇ جياڭ گۇاڭنەينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

1932- يىلى ياپونىيە قوشۇنى 28- يانۋار ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، شاڭخەينى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئەينى چاغدا شاڭخەينى ساقلاۋاتقان جۇڭگو قوشۇنى دەل 19- يۆنىلىش ئارمىيەسى بولۇپ، جياڭ گۇاڭنەي ئالىي قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئالغان. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش يۇقىرى دولقۇنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش چاقىرىقىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، جياڭ گۇاڭنەي ياپون قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىپ، شاڭخەينى قوغداشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ كېسەل بولسىمۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلغان ھەم پۈتۈن مەملىكەتكە «بىر غېرىچ يەر، ئالقانچىلىك ئوت - چۆپتىنمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ» دەپ تېلېگرامما يوللاپ، دۆلەت زېمىنىنى جان تىكىپ قوغداش، كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتومىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، جياڭ گۇاڭنەي قەتئىيلىك بىلەن: «توپ - زەمبىرەك بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بۇيرۇقىنى رەت قىلىپ، 19- يۆنىلىش ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، بىر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق بەرداشلىق بېرىپ، ياپونىيە قوشۇنىنىڭ «تۆت سائەتتە شاڭخەينى ئىشغال قىلىمىز» دېگەن يوغان گېپىنى تارمار قىلغان. سۇڭخۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، كېيىنكى ئومۇميۈزلۈك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىگەن.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جياڭ جيېشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش ئارزۇسىغا قارىماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. 1947- يىلى، جياڭ گۇاڭنەي دېموكراتىك ئىنقىلاب پائالىيىتى بىلەن مەخپىي شۇغۇللىنىپ، لى جىشېن، خې شياڭنىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە پىلانلىغان ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەم باشقا دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان. 1948- يىلى يېڭى يىلدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلۇپ، گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئاشكارا ئادا - جۇدا بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جياڭ گۇاڭنەي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاساسلىق مەسئۇل بولغان. ئۇ توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشۇش ئۈچۈن، ئۆگىنىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پىكرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، توقۇمىچىلىق خام ماتېرىيالى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا يېتىشەلمەسلىكتەك گەۋدىلىك زىددىيەتنى كۈچەپ ھەل قىلغان. خىزمەت، تۇرمۇشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپاغا چىداپ، ئاددىي - ساددا ياشاپ، پاك - ئادىل بولۇپ، كومپارتىيە رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، كېڭىشىپ ئىش بېجىرىپ، ئامما ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان. 1967- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.

2008- يىلى 4- ئايدا، جياڭ گۇاڭنەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى دۇڭگۇەن شەھىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئەسلىي تۇرالغۇنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ئېكسكۇرسىيەچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، 2019- يىلى ئەسلىي تۇرالغۇدا يەنە جياڭ گۇاڭنەينىڭ ھايات چېغىدىكى ئىش ئىزلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش باش تېما تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

2015- يىلى، دۇڭگۇەن شەھىرى خۇمېن بازارلىق ھۆكۈمەت جياڭ گۇاڭنەي مۇزېيىنى قۇرۇش تۈرىنى باشلاپ، ئەسلىي تۇرالغۇنىڭ يېنىدا كۆرگەزمە، تەربىيە، ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان مۇزېي بەرپا قىلىپ، جياڭ گۇاڭنەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى بولۇشتەك جەمئىيەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ