تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئەخمەت مەخمۇتنىڭ «گۈل»دەك ھاياتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سىدىق خەۋىرى): 8- ئاينىڭ 28 – كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى توقسۇ بازىرى ئاھالىسى شىرئەلى ئەركىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىچئېرىق بازىرى ئويمەھەللە كەنتىگە كېلىپ، ئەخمەت مەخمۇتنىڭ ئېكىنزارلىقىدىن لۈلو قاتارلىق بىر قانچە تەشتەك گۈل سېتىۋالدى.

  ئەخمەت مەخمۇت يىراق-يېقىنغا تونۇلغان گۈل ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاھالە ئۇنىڭدىن گۈل سېتىۋالىدۇ.

  «ئۆيىمىزنى يېڭى بېزىگەن، بۇ يەردىكى گۈللەرنىڭ تۈرىنىڭ خىل، باھاسىنىڭ ئەرزان ئىكەنلىكىنى دوستۇم تونۇشتۇردى، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ بىر قانچە تەشتەك گۈل سېتىۋالدىم» دېدى شىرئەلى ئەركىن.

  ئەخمەت مەخمۇتنىڭ گۈل ئېتىزىغا كىرگەندە، رەڭگارەڭ گۈللەر كۆزگە چېلىقىدۇ.

  «نېمە سەۋەبتىن گۈل تېرىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟» مۇخبىر سورىدى.

  «خوتۇنۇم گۈلگە بەك ئامراق، ئۇ ھويلىمىزدا نۇرغۇن گۈللەرنى ئۆستۈرگەنىدى، قۇلۇم-قوشنىلار بىكار بولۇپ قالسىلا كىرىپ گۈل تاماشاسى قىلىدىغان بولدى. 2000 –يىلى، بىزدە گۈل تېرىپ سېتىش ئويى پەيدا بولدى» دېدى ئەخمەت مەخمۇت.

  «گۈل ساتقان دەسلەپكى مەزگىلدە، باھاسى ئەرزان، تۈرى ئازراق ئىدى، ئەتىرگۈل، تەيياڭمېي، ئۈجمە يوپۇرماقلىق مودەنگۈل، كىچىك يوپۇرماقلىق خەيتاڭ قاتارلىقلارلا بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆيدە گۈل بېقىش ئادىتى تېخى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنمىگەنىدى، شۇڭا ھەر تەشتەك گۈلنىڭ باھاسى بەش يۈندىن 20 يۈەنگىچە بولۇپ، ھېچقانچە كىرىم بولمايتتى» دېدى ئەخمەت مەخمۇت.

  2001-يىلى، ئەخمەت مەخمۇت كۇچا ناھىيەسىگە بېرىپ گۈللەرنى توپ كىرگۈزۈش جەريانىدا، كورلىدىن كېلىپ شۇ يەردە گۈل سودىسى قىلىۋاتقان ما جىشۈ بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئۇ ما جىشۈنى ئۇستاز تۇتۇپ، گۈل بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

  ما جىشۈ دۇكىنىغا دائىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يېڭى سورتلۇق گۈللەرنى كىرگۈزۈپ تۇراتتى، ئەخمەت مەخمۇتمۇ ھەر ئايدا دېگۈدەك كۇچا ناھىيەسىگە بېرىپ يېڭى سورتلۇق گۈللەرنى ئەكىردى، بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆگىنىش، گۈللەرنىڭ توپىسى ۋە تەشتىكىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەخمەت مەخمۇتنىڭ گۈللىرى ئوبدان ئاينىدى، كىرىمىمۇ ئاشتى.

  ئەخمەت مەخمۇتنىڭ گۈل تېرىپ سېتىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرگەن نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭدىن تەلىم ئالماقچى بولدى، لېكىن گۈل بېقىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆگىنىدىغان، سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپىنچىسى گۈل بېقىپ باي بولۇشتىن ۋاز كەچتى.

  «ھازىر بېقىۋاتقان گۈللىرىمنىڭ تۈرى 100 خىلدىن ئاشىدۇ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرالايدىغان بولدۇق» دېدى ئەخمەت مەخمۇت.

  مال مەنبەسى كاپالەتكە ئىگە بولدى، تېخنىكىدىمۇ ئۆسۈش بولدى، بازارمۇ تەدرىجىي كېڭەيدى، ئەخمەت مەخمۇت كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن ئاجرىتىلغان بەردىن تۆت مونى ھۆددىگە ئېلىپ، پارنىك ياساپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەتتى. نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، ئەخمەت مەخمۇت يەنە پاي قوشۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، پايدا ئالغاندا يىلدا نىسبەت بويىچە پاي قوشقان ئون ئائىلىگە پايدا ئايرىپ بەردى.

  «بۇ يەردىن ئالغان يىللىق پايدىنىڭ %10ى ئىجارە ھەققىگە ئىشلىتىلىدۇ، پاي قوشقان ھەر بىر ئائىلىگە يىلدا 1400 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ، ئۆزۈمگە يىلدا 50-60 مىڭ يۈەن ساپ پايدا قالىدۇ» دېدى ئەخمەت مەخمۇت. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا نامرات ئاھالىلەرنى كۈنىگە 70 يۈەندىن ئىش ھەققى بېرىپ، ئۆزىگە ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن، كۆپچىلىكمۇ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى خالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ