تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىسى، ئىقتىدارىغا خاتا ھۆكۈم قىلماسلىق كېرەك

جۇڭ شېڭ

ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگودىن ئامېرىكىغا چىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ تاموژنا بېجى باج نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق قارىشىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ، خەلقئارا سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يۈك بولۇشى تامامەن باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يەردىن يەنە ساددىلىق بىلەن «جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشىگە قارشى تۇرمايدۇ» دەپ خام خىيال قىلىشى ئۇلارنىڭ ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلغانلىقى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىسى، ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە خاتا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ ئىدراكى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ھىمايە قىلىپ، مۇھىم، زور پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە قەتئىي يول قويمىدى. جۇڭگو تەرەپ ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئاخىرغىچە ھەمراھ بولۇش ئىقتىدارى بار. 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئەسلىدە ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم ئىمپورت تاۋارلارغا قارىتا قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىن «ئىشەنچسىز ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى» تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى جاكارلاشقىچە، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىش، ساياھەتكە بېرىش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىش، جۇڭگو كارخانىلىرى ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشتىن يېقىندا 3- نۆۋەتلىك قارشى تۇرۇش تەدبىرى چىقىرىشقىچە ... جۇڭگو تەرەپ دېگىنىگە ئەمەل قىلدى! ھەرقانداق ئادەمنىڭ چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق جۇڭگونى يولسىز تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر «مەنپەئەت مونوپوللۇقى» ئارزۇسىغا جاھىللىق بىلەن يېپىشىۋېلىپ، زومىگەرلىك ئورنىغا مەپتۇن بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن يانمايۋاتىدۇ. لېكىن خۇددى ئامېرىكا كولومبىيە داشۆسىنىڭ ئىقتىساد ئىلمى پىروفېسسورى جېففېرى ساكس كۆرسەتكەندەك: «ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپچىللىك ھەرىكىتى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەكرار تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەممە ئادەم بۇ خىل سىياسەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەر شارىۋى ھەمكارلىقنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك توقۇنۇشلارنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.» ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرى خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. جۇڭگو ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ ھەم ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق ۋە ھىمايە قىلغانلىق، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق ۋە ھىمايە قىلغانلىقتۇر.

جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق: سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچى يوق، بىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز، ئۇرۇش قىلىشتىن قورقمايمىز، زۆرۈر بولغاندا ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايمىز. ھەرقانداق ئادەم جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىسى، ئىقتىدارىغا خاتا ھۆكۈم قىلسا، داۋاملىق ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا، جۇڭگو خەلقىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ئالدىدا جەزمەن بەدەل تۆلەيدۇ.

(2019- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ