تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

پارتلاتقۇچ بوغچىسىغا پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى ئېتىش

قەھرىمان ۋاڭ جيېنىڭ «بىرىنچىدىن جاپادىن قورقماسلىق، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماسلىق» روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ

ۋاڭ جيېنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 8- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېي شېڭياۋ، سۈن شياۋخۇي) شەندۇڭ جىنشياڭ ناھىيەسىنىڭ ۋاڭجيې كەنتىدىكى يېشىل قارىغاي، ئارچىلار بىلەن ئورالغان بىر ھويلىدا، ئۈچ مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بىر ئاق رەڭلىك ئادەم ھەيكىلى سۈرلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەيكەلنىڭ كەينىدىكى كۆرگەزمە زالىغا ھەيكەلنىڭ ئەسلىي تىپى − قەھرىمان ۋاڭ جيېنىڭ سۈرىتى، كۈندىلىك خاتىرىسى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق يالدامىلار قويۇلغان. بۇ يەر ۋاڭ جيې خاتىرە سارىيىدۇر.

ۋاڭ جيې، 1942- يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ جىنشياڭ ناھىيەسىدىن. 1961- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان. 1962- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. ئۇ لېي فېڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، ھەممە يەردە ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، «ۋەتەننىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ»، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن «بىر ئۈلۈش ئىسسىقلىق چىقىرىپ، بىر ئۈلۈش نۇر چېچىپ»، تەدرىجىي ھالدا بىر ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسىگە ئايلانغان. ئۇ ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيەتتى، 100 مىڭ خەتتىن ئارتۇق كۈندىلىك خاتىرە يازغان.

ۋاڭ جيې سەپداشلىرىغا غەمخورلۇق قىلاتتى، كوللېكتىپنىڭ مال - مۈلكىنى ئاسرايتتى، ئاممىغا ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلغاندا ئەزەلدىن ئىسمىنى قالدۇرمايتتى. ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەيتتى، مەشىق قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، بىرىنچىدىن جاپادىن قورقماي، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماي، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «بىكار تۇرمايدىغان ئادەم» «ھېرىپ - چارچاشنى بىلمەيدىغان ئادەم» دەپ ئاتالغانىدى. ئۇ قىسىمدا ھەر يىلى مۇنەۋۋەر جەڭچى بولغان، ئىككى قېتىم شەرەپ بىلەن 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بەنجاڭ بولغان، «نەمۇنىلىك ئىتتىپاق ئەزاسى» ۋە 1- دەرىجىلىك تېخنىكا ماھىرى بولۇپ باھالانغان.

1965- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى، ۋاڭ جيې جياڭسۇ ئۆلكىسى پىشيەن ناھىيەسىنىڭ جاڭلوۋ گۇڭشېسىدا خەلق ئەسكەرلىرى مىنا بەنىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەشىقىگە ياردەملەشكەن. پارتلاتقۇچ بوغچىسىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ پارتلاش ئالدىدا تۇرغان خەتەرلىك پەيتتە، نەق مەيداندىكى 12 خەلق ئەسكىرى ۋە خەلق قوراللىق كادىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن پارتلاتقۇچ بوغچىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ، 23 ياشلىق ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

ۋاڭ جيېنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۇ تۇرغان قىسىم پارتكومى ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلغان. 1965- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان بەنگە «ۋاڭ جيې بەنى» دەپ نام بەرگەن. جوۋ ئېنلەي، جۇ دې، دۇڭ بىۋۇ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

1965- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى»دە «پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنقىلاب قىلىش» تېمىسىدا ۋاڭ جيېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ سابىق باش سىياسىي بۇسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يولداش ۋاڭ جيېدىن ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭ بىرىنچىدىن جاپادىن قورقمايدىغان، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، پۇختا، ئەستايىدىل، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

قەھرىماننى ياد ئېتىش ئۈچۈن، 1968- يىلى، ۋاڭ جيې ئۆسۈپ يېتىلگەن شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنشياڭ ناھىيەسىنىڭ خۇاگۇ كەنتىنىڭ نامى «ۋاڭجيې كەنتى»گە ئۆزگەرتىلگەن ھەم كەنتتە بىر خاتىرە سارىيى سېلىنغان.

بۈگۈنكى كۈندە، جىنشياڭ ناھىيەسىنى ئايلانسىڭىز، ۋاڭ جيې خاتىرە سارىيى، ۋاڭ جيې مەيدانى، ۋاڭ جيې ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ۋاڭ جيې پىيونېرلار ئەترىتى، ۋاڭ جيې ئۈلگە كۆرسىتىش ئىش ئورنى، «ۋاڭ جيې»چە ئىلغار شەخسلەرگىچە، ھەممە يەردە ۋاڭ جيې روھىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. جىنشياڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇڭ بىڭ مۇنداق دېدى: ۋاڭ جيې روھى تارىخنىڭ، شۇنداقلا دەۋرنىڭ. قەھرىماننىڭ يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىنشياڭ ۋاڭ جيې روھىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك.

«بەھرىلىنىشتە بەسلىشىش ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ؛ تۆھپە قوشۇشتا بەسلىشىش ئادەمنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان قىلىدۇ.» «مەن چوقۇم جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ چاكىرى بولىمەن.» «بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت جەريانىدا، ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، مەن چوقۇم كۈچۈمنىڭ بارىچە ياردەم بېرىمەن، چوقۇم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن، باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئازراق ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا، شۇنىڭدىن خۇشال بولىمەن، پەخىرلىنىمەن.»... قەھرىماننىڭ يۇرتىدا، ۋاڭ جيې خاتىرە سارىيىنىڭ تېمىغا ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ كۈندىلىك خاتىرە كۆچۈرۈلمىسىدىن ئىشلەنگەن ئېلانلار چاپلانغان بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە سۇنۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ