تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«گۈلنى ۋاسىتە قىلىپ» گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۈللەر بىلەن ئورالغان ئۆيلەر، تار كوچىلار، پاكىز، رەتلىك كىچىك ھويلىلار، ئىككى، ئۈچتىن بولۇپ يېشىللىق ئىچىدە يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتقان بالىلار... شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ ئالغا كەنتىگە كەلسىڭىز، ھەممىلا يەردە مۇشۇنداق سەھرا تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسىنى ئۇچرىتالايسىز.

  ئالغا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەلىمە سۇلتان ياش چاغلىرىدىلا گۈل-گىياھ بېقىشنى ياخشى كۆرەتتى. ھازىر 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ پەرزەنتلىرىگە ئەگىشىپ شەھەرگە بېرىپ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىماي، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش قىزىقىشىنى تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ چىقىش يولى قىلدى.

  ئالغا كەنتى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يېزا-كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە، ئالغا كەنتى «گۈزەل ھويلا-ئاران گۈل-گىياھلار تار كوچىسى» دىن ئىككىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ يىل گۈل-گىياھلار تار كوچىسىدىن يەنە ئۈچنى بەرپا قىلىدۇ؛ كەنتتىكى گۈ-گىياھ ئۆستۈرۈشكە قاتناشقان كەنت ئاھالىسى 60 تىن ئېشىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 5000 يۈەندىن 18 مىڭ يۈەنگىچە كۆپەيدى، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى بۇ «گۈزەللىشىش، بېيىش» قوشۇنىغا قوشۇلماقتا.   

  شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى سەلىمە سۇلتان ئۆيىدە گۈلنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (سۈرەتلەر 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).

 شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شياڭ خۇڭ (سولدىن 2-كىشى) بىلەن رەپقەت مەمەت (ئوڭدىن 1-كىشى) كەنت ئاھالىسى سەلىمە سۇلتان (ئوتتۇرىدا) نىڭ ئۆيىدە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

  شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى سەلىمە سۇلتان (ئوڭدا) قىزى مېھرىگۈل رىشات بىلەن ئۆيىنىڭ ئالدىدا گۈل سودىگىرىنى ئۇزاتماقتا.

   شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى «گۈزەل ھويلا-ئاران گۈل-گىياھلار تار كوچىسى» دا ماڭماقتا.

    شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، بىر كىچىك دوست كەنت ئاھالىسى سەلىمە سۇلتانغا ياردەملىشىپ گۈل سودىگىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا گۈللەرنى يۆتكىشىپ بەرمەكتە.

    شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، بىر قانچە كىچىك دوست تار كوچىدا گۈللەرنى سۇغارماقتا.

    شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، بىر قانچە كىچىك دوست تار كوچىدا ئوينىماقتا.

    شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، بىر سودىگەر (ئوڭدا) كەنت ئاھالىسى سەلىمە سۇلتاننىڭ ئۆيىدىن تەشتەكلىك گۈل سېتىۋالماقتا، سول تەرەپتىكىسى سەلىمە سۇلتاننىڭ قىزى مېھرىگۈل رىشات.

    شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى سەلىمە سۇلتان (ئوڭدا) ئوغلى ئەھەت رىشات بىلەن ئۆيىدە گۈل تېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

مۇخبىر  ۋاڭ فېي فوتوسى 

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ