شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، بېيجىڭ داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 9- ئاينىڭ 23- كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاخبارات مەركىزى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى تەشكىللەيدۇ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت پائالىيەتلىرىنى ئالاقىلىشىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەم ئاخبارات مەركىزى ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى تەسىس قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىنى زىيارەت قىلىشى، خەۋەر قىلىشىنى زۆرۈر ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى، تەيۋەن رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت ئىلتىماسى سۇنۇشىغا قولاي بولۇش ئۈچۈن، يىغىندا مۇخبىرلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسى ئېچىلدى. (ساھە نامى: http://reg70prc.zgjx.cn)، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مۇخبىرلىرى ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ سىستېما ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇشىنى قارشى ئالىمىز. زىيارەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى باشلىنىپ، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.