تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسىلىنى «ئوپېراتسىيە» قىلدى

باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش

ئاپتونوم رايونىمىز شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسىلىنى «ئوپېراتسىيە» قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى كوچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ياڭ سۇڭكەي سەھەردىلا كەنت ئاھالىسى ياسىن رەھمەتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتىش لايىھەسى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

«ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلگەندىن كېيىن، بىز ھەرخىل نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاشنىڭ ئامالىنى قىلىش بىلەن چارچاپ كەتمەيدىغان بولدۇق، ھازىر ھەرخىل يىغىن ۋە دوكلات جەدۋەللىرىنىڭ ھەممىسى ئازايدى، بىز تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاجرىتالايدىغان بولدۇق.» دېدى ياڭ سۇڭكەي.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، قەتئىي ھالدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسىلىنى «ئوپېراتسىيە» قىلدى.

«مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى 20 تۈرلۈك تەدبىر>ىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانۇن - نىزام ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن جىشياڭ مۇنداق دېدى: «تارقىتىش ھاجەتسىز بولغان ھۆججەتلەرنى قەتئىي تارقاتماسلىق، يانداش ھۆججەتلەردە ئەمەلىي ئىش قىلىنىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك، مەركەزنىڭ ھۆججىتىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش، <گەپ شاخلىتىش> ئېغىر بولغانلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىشكە قايتۇرۇپ، ھۆججەت سانىنى ھەقىقىي ئازايتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ نامىدا بېسىپ تارقىتىلغان ھۆججەت سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئازايدى».

نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار پىلان ئىچىدىكى ئىشلارنى ئىشتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىشتىن كېيىن دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، توپلىۋېلىپ قانات يايدۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قانات يايدۇرۇشتىن ساقلاندى، پىلان سىرتىدىكى تەستىقسىز قانات يايدۇرۇلغان ئىشلارغا قارىتا، بايقىغان ھامان دەرھال توختىتىپ سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتىپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك 2019- يىللىق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرى 39 تۈر، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 تۈر بولدى... نىشان - ۋەزىپە تۈرلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زۆرۈر بولمىغان خىزمەت يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلنى غەمدىن خالاس قىلىشتىكى ۋاقتى، زېھنى تېخىمۇ مەركەزلىشىپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ