«مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن، ساياھەت سەپىرىدە پۈتۈن دىققىتىم بىلەن سۈرەت تارتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشتۈم... مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزغانلىقىغا رەھمەت!» 8-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ يۇەنفاڭ ساياھەت چەكلىك شىركىتى يۈننەندىن كەلگەن رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، جۇ يىڭۋېن ئۆيىدىكىلەر بىلەن سەھەردە كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا كەلگەن. مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەيۋەتلىك شېنجۇڭ تېغى، سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئېرتىش دەريا سۈيى... گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان. ئۇ ئۆيىدىكىلەرنى بارغانلا يەردە سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرغان، بۇ جەرياندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيلىپ كېتىپ، قاتتىق تاشقا يېقىلغان ھەم قاتتىق ئاغرىق دەستىدىن مىدىرلىيالماي قالغان.
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مەنزىرە رايونىنىڭ مۇھىت تازىلىق خادىمى، بىر تەرەپتىن دەرھال ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن ياردەم سورىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنى ياردەملىشىشكە چاقىرىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقرىپ جۇ يىڭۋېننى كۆتۈرۈپ تۈز يەرگە ئېلىپ چىققان.
مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەرھال قۇتقۇزۇشتا تەربىيەلەنگەن خادىملارنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن، يارىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، يارا ئېغىزىنى تېڭىپ قويغان. كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جۇ يىڭۋېننىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئۇنى كۆكتوقاي بازىرى مەركىزى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ داۋالىغان.
جۇ يىڭۋېن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا راستتىنلا بەك ئاغرىدى، كاللام توختاپلا قالدى! مەنزىرە رايونىدىكى كەسپىي خىزمەتچى خادىملارنىڭ قۇتقۇزغىنىغا رەھمەت، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. خىزمەتچى خادىملارنىڭ بۇنچىۋالا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ماڭا ياردەم بەرگىنى، مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. كۆكتوقاينىڭ تېغى گۈزەل، سۈيى گۈزەل، ئادىمى تېخىمۇ گۈزەل ئىكەن!»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنزىرە رايونى ساياھەت مۇلازىمەت خادىملىرىغا قارىتا كۆپ قېتىم مۇلازىمەت قائىدە-يوسۇنى، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قائىدە-تۈزۈم، قانۇن-نىزام، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەربىيەلەش ئېلىپ باردى، بىر تۇتاش كىيىنىش، بىر تۇتاش كارتا تاقاپ ئىشقا چىقىش، بىر تۇتاش مەدەنىيەتلىك سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى ئىجرا قىلىپ، مەنزىرە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل ئەھۋاللارنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ساياھەتچلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپتىن يۇقىرى كۆتۈردى.