تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىغا كېلىپ چۈشتىكى يېزا-قىشلاق غەزىلىنى ئىزدەش

 

  سۈرەتتەك گۈزەل چوڭقۇشتاي كەنتى (8-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) چېن جىخۇڭ فوتوسى

   ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يېزا تۇرمۇشىغا ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ يەردە تاغ-دەريالار، يايلاق، گۈل-گىياھ، قوي-كالا، كىچىك ياغاچ ئۆي، ساپ ھاۋا، چۆچەك كەبى يۇلتۇزلۇق ئاسمان بولۇپ، يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن...... شىنجاڭغا كېلىپ چۈشتىكى يېزا-قىشلاق غەزىلىنى ئىزدەشتە، بۇ كەنتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  چوڭقۇشتاي كەنتى

  ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى تەبىئەتنىڭ شاۋقۇنلىرى 

  تېكەس ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ، ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئايلانما تاغ يولىدىن ئۆتۈپ، قارادالا بازىرىنىڭ چوڭقۇشتاي كەنتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەمما، 90 كىلومېتىرلىق يول ھەرگىز زېرىكىشلىك بىلىنمىدى، چۈنكى يول بويى ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن ئېگىز تاغلار ۋە يايلاقلارنى تاماشا قىلىپ، شوپۇر ئۇستامنىڭ غىڭشىغان قازاق خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، «ناخشا بىلەن ئات قازاقلارغا قوش قانات» دېگەن ماقال-تەمسىل يادىمغا كەلدى.

  7-ئاي مەزگىلىدە، ئىلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ھەممىلا يەر گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. لېكىن چوڭقۇشتاي كەنتىگە كىرگەن شۇ دەقىقىدە، كىشىلەر تۇيۇقسىز بۇ يەردە ياپيېشىل دەل-دەرەخ، سۈزۈك ئوت-چۆپلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئاشۇ قۇلاققا خۇشياقىدىغان، تەبىئەتتىن كەلگەن ئاۋازلارمۇ كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ ئاۋازلاردىن، ئوخشىمىغان چوڭقۇشتاينى ھەمدە ئوخشىمىغان ئىلىنىڭ ياز پەسلىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  قۇرداي دەرياسىنىڭ ئېقىن ئاۋازى ئەڭ ساپ تەبىئىي ئاۋاز.

  ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قۇرداي دەرياسى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان چوڭقۇشتاي يايلىقى ۋە دېھقانلىرىنى بېقىپ كەلدى. كەنتتە، كۆپ قىسىم ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دەريا بويىغا سېلىنغان. ياز كەلگەندە، سۇ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، تېخىمۇ تېز ئاقىدۇ. شىلدىرلىغان سۇ ئاۋازى  ئوت-چۆپ ۋە ياۋا گۈللەرنىڭ ھىدى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تېكەس دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، ئاخىرىدا ئىلى دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىگەن دەريا سۈيىگە قوشۇلىدۇ.

  ئەگەر كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرغان بولسىڭىز، سۇنىڭ شىددەتلىك ئېقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، بۇ ئېگىزدىن چۈشكەن سۇنىڭ ئاۋازى بولۇپ، دەريا يۈزىدە سۇ ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما قىرغاقتا تۇرغان بولسىڭىز، قۇرداي دەرياسى يەنە باشقىچە ئۆزگىرىدۇ. سالقىن دەريا سۈيى ئېقىپ ئۆتۈپ، سۇدىكى يىرىك شېغىلنى سىلىقلاپ، ئىككى قىرغاقتىكى يېشىللىق بىلەن بويالدى. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، دەريا سۈيىدە قاينىتىلغان ئەتكەن چاينى ئىچكەندە، بەخت تۇيغۇسى پۈتۈن ياغاچ ئۆيگە تولۇپ كېتىدۇ.

  تاغ جىلغىسىكى ئاۋاز، تەبىئەت بىلەن ئىنسانلارغا ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان ئاۋاز.

  چۈشتە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا تۇرغىلى بولمايدۇ، كېلىپ -كېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى سايىنى ئىزدەيدۇ. لېكىن دەرەخ سايىسىگە كىرسلا، بىر خىل مەيىن شامال چىقىپ، شەمشادلار شىلدىرلاپ، ناھايىتى سالقىن ھاۋا كېلىدۇ.

  بەلكىم، ياز پەسلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىلغا بولغاچقا، بايىلا تېخى ھاۋا ئوچۇق بولغان چوڭقۇشتاي بىردىنلا قارا بۇلۇت بىلەن قاپلاندى. يامغۇر يېغىپ، شامال تېخىمۇ كۈچەيدى. دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە ياغاچ ئۆينىڭ لەمپىسى ئاستىدا تۇرۇپ، شامال قوڭغۇرىقىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يامغۇرنىڭ تاراسلاپ چۈشۈشىگە قاراپ، «شەرقتىكى كىچىك شىۋېيتسارىيە» دېگەن نامغا ئىگە قورۇل سىرتىدىكى يېزا-كەنت گۈزەل مەنزىرىسىگە كىشى غەرق بولاتتى. 

                                                                  شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ