تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دانىخورەكنى سىققاندا ئاققان ئاق يىرىڭ زادى نېمە؟

تېرمىنال ئوقۇرمىنى فېڭ خانىم مۇنداق سوئال سورىدى: يۈزۈمگە دائىم دانىخورەك چىقىدۇ، ھەر قېتىم دانىخورەكنى كۆرۈپلا قالسام ئىختىيارسىز سىقىۋېتىپ قالىمەن، دانىخورەك ئىچىدىكى يىرىڭنى سىقىپ چىقىرىۋەتسەملا، دانىخورەك تېزلا ساقىيىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. سىقىپ چىقىرىلغان ماددىلار بەزىدە ئاق رەڭدە، بەزىدە قارا رەڭدە بولىدۇ، ئۇلار زادى نېمىدۇ؟

جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 6- دوختۇرخانا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋۇ لياڭسەي مۇنداق چۈشەندۈردى: ئاق رەڭلىك ماددا بولسا دانىخورەك ياللۇغلىنىش جەريانىدا تىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان ماي ھېسابلىنىدۇ، تېرىدىكى قىل قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ يېرىلىش سەۋەبىدىن، بەزىدە دانىخورەكنى سىققاندا ئاق رەڭلىك ماددىلار چىققاندىن سىرت، يەنە قانمۇ چېقىدۇ. تېرە ئاجرىتىپ چىققان ماي ئاق رەڭدە بولۇپ، كۆپ مىقداردا ماي ئاجرىلىپ چىقسا ئاسانلا تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ، ئەڭ سىرتقى قىسىمى ئۇزاق مۇددەت ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا ئوكسىدلىنىپ، رەڭگى قېنىقلىشىدۇ. ئەگەر دانىخورەك ئۇزاققىچە تازىلانمىسا ئوكسىدلىنىپ قارا رەڭگە ئايلىنىدۇ، ئاق رەڭلىك ماددا دەل ئوكسىدلانمىغان ماي ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىقىپ چىقىرىلغان ئاق رەڭلىك ماددا تاياقسىمان ھالەتتە بولسا، دانىخورەك نوكچىسى بولۇشى مۇمكىن. دانىخورەك نوكچىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە تېرە كېپىكى، تېرە مېيى ۋە مالاسسېزىيە باكتېرىيەسى قاتارلىق مىكروبلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى دانىخورەك نوكچىسىدا كانا بار. ئەگەر سىقىپ چىقىرىلغىنى ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق بولسا، بۇ تېرە يېغى ئاجرالمىسى بولغان ياغ كىسلاتاسى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر دانىخورەكنى سىققاندا يۇقۇملانمىسۇن، تارتۇق قالمىسۇن دېسەك، تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دانىخورەك يىڭنىسى، دانىخورەك ھالقىسى ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، دانىخورەكنى سىقىپ چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە يود ياكى ئىسپىرت بىلەن دانىخورەكنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ