تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى تۇنجى زور ئېكرانلىق كىنو «يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى» 15- نۆۋەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىنىڭ 8- ئاينىڭ 20- كۈنى تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئىجاد قىلىپ سۈرەتكە ئالغان فىلىم «يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى» 15- نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى»دىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «مېھىر - مۇھەببەت» «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» ناملىق فىلىملەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 13-، 14- نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى ھەمدە 16-، 17- نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنوچىلىقى خۇابياۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئېرىشكەن يەنە بىر ئالاھىدە شەرەپ.

«يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى»دا خۇمار بىلەن قادىشا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقەدىن كېلىپ چىققان زىددىيەت ئارقىلىق ھېكايە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، 40 يىلدىن بۇيانقى يايلاقتىكى قايتىلىما كۆچۈش تۇرمۇشى ھەمدە بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى شارائىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۆزگىرىشلىرى، پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىيات، قەلب مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. فىلىمدە ئەۋلادمۇئەۋلاد سۇ ۋە ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جۇڭگو قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

بۇ فىلىم شىنجاڭ كىنو ئىجادىيىتى تارىخىدىكى تۇنجى زور ئېكرانلىق كىنو بولۇپ، پىلانلاپ تۈر تۇرغۇزۇشتىن سۈرەتكە ئېلىشقىچە ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن. فىلىمدە ئەسلىي ھالەتنى خاتىرىلەش بىلەن ۋەقەلىكنى دىراماتىك ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆججەتلىك كىنو ئۇسلۇبىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 15- نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى (فىلىم)، كومېدىيە، رادىيو دىرامىسى، ناخشا، كىتاب قاتارلىق تۈرلەردىكى 73 ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەملىكەت بويىچە ئەدەبىيات - سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ مەنىۋى كۆرۈنۈشىنى سۈرەتلەپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ