تىيانشان تورى خەۋىرى: «ئالىمجان، بۇ نۆۋەت مەن چوقۇم سىنى يېڭىۋالىمەن.» يېقىندا، شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىسى چۇلۇقلۇق كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، شاھمات ئويناۋاتقان شاكىچىك قەيسەر ئابدۇۋەلى تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسى بىلەن شۇنداق دېدى.
بۇ ئىككى كىچىك دوست نۆۋەت بىلەن ئۇرۇق يۆتكەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شاھمات ئويناشقا كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، شاھمات ماھارىتى بىر-بىرىدىن قېلىشمايتتى.
ئۇلارنىڭ يېنىدا، يەنە نۇرغۇن كىچىك دوست خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىش، ئىنگلىزچە سۆزلىشىش، رەسىم سىزىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىدى.
بالىلارنىڭ قاتناشقىنى يازلىق تەتىللىك قىزىقىش سىنىپى بولۇپ، بۇ قىزىقىش سىنىپىنى شايار ناھىيەلىك شىڭيا سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قۇرغان. بۇ قىزىقىش سىنىپى شاھمات، قاتتىق قەلەم خەتتاتلىقى، قىزىقارلىق ئىنگلىز تىلى، رەسىم سىزىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ليۇ يىڭيىڭ، گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)